شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى 2- ئاينىڭ 5- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نايىب بۇكېلغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ سالۋادور جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو- سالۋادور مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تېز تەرەققىي قىلدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىغا ھەقىقىي بەخت- سائادەت ئېلىپ كەلدى، بۇ، جۇڭگو بىلەن سالۋادور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. مەن زۇڭتۇڭ بۇكېلنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلغانلىقىنى، جۇڭگو- سالۋادور مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن، زۇڭتۇڭ بۇكېل بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- سالۋادور مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايمەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)