شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى 2- ئاينىڭ 7- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نانگولو مۇبېمباغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ نامىبىيەنىڭ زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن نامىبىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر- بىرىنى قوللاپ كەلدى. مەن جۇڭگو- نامىبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مۇبېمبا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو- نامىبىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايمەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)