مېنىڭ ئىسمىم ئاق تايلاق، باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ باققان ئاق تۆگە
23:12:04 2024-02-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە

 ئۇچىمىزغا قىزىل تون كىيىپ، ياغاچ ساندۇق يۈدۈپ، يۇلتۇزدەك لامپۇچكىلارنى ئوراپ، مەن ۋە ئۈچ ھەمراھىم بىر رەت بولۇپ، ئىگىمىزنىڭ باشلامچىلىقىدا يولغا چىقتۇق، مەنزىلىمىز مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى نەق مەيدانى.

 مېنىڭ ئىسمىم ئاق تايلاق، ھەمراھلىرىم ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئالا تايلاق، قىزىل تايلاق، قوڭۇر تايلاق، بىزنىڭ ئەڭ چوڭىمىز 15 ياش، ئەڭ كىچىكى مەن، ئاران بەش ياش. بۇ كېچە مېنىڭ «تۆگىلىك ھاياتىم»دىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز كېچە. كېچىلىك باشلىنىپ، ئارتىسلار مەيداننى بىر ئېلىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندا، مەن ھەمراھلىرىم بىلەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرى دېكوراتسىيەسىدە مېڭىپ، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى كولدۇرما ئاۋازلىرى ياڭراپ تۇرغان تارىخىي مەنزىرىنى نامايان قىلدۇق.

ئاق تايلاق. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

 سىز بارلىق تۆگە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالايدۇ دەپ قارامسىز؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بىز تۆتىمىز قاتلاممۇ قاتلام تاللاشتىن ئۆتۈپ، ئۇزۇپ چىقتۇق. ئارتىس تۆگە بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتى: شاۋقۇن- سۈرەن ئاڭلىغاندا قالايمىقان يۈگۈرمەسلىك، ھودۇقماسلىق، ئادەمنى كۆرگەندە ھۇجۇم قىلماسلىق، شال چاچراتماسلىق، يەنە ئادەم بىلەن «يېقىن ئۇچرىشالايدىغان بولۇش»تىن ئىبارەت.

 تاللاشقا قاتناشقان نۇرغۇن تۆگە مۇشۇ ئۆتكەلدىلا شاللىنىپ كەتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆيدە بېقىلغان تۆگىلەر بولغاچقا، يۇقىرى ئاۋازلىق جايغا بارغاندا ئاسانلا ئۈركۈپ كېتىپ، يۈگۈرۈپ كەتسە، ئادەم يارىلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇلار كەسپىي مەشىق قىلىپ باقمىغاچقا، ئىچى تىتىلدىسا ئاسانلا باشقىلارغا شالىنى چاچرىتىپ قويىدۇ، بۇنداق ئەدەپسىزلىك ئەلۋەتتە بۇنداق چوڭ سەھنىدە يۈز بېرىپ قالسا بولمايدۇ.

 لېكىن مەن ۋە ھەمراھلىرىم دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. بىزنىڭ كۈندىلىك «خىزمەت»، تۇرمۇشىمىز دەل قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانىدا ئۆتىدۇ، ھەر كۈنى ھەر خىل مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ساياھەتچىلەرنى مىندۈرۈپ سەيلە قىلدۇرىمىز، سۈرەتكە چۈشۈرىمىز ياكى مۇزىكىغا مەستخۇش بولۇپ، سۈرەتكە چۈشىدىغان ساياھەتچىلەرگە ئارقا كۆرۈنۈش بولۇپ تۇرۇپ بېرىمىز. شۇڭا مۇزىكا ئاۋازى ھەر قانچە چوڭ بولسىمۇ بىز تەسىرگە ئۇچرىمايمىز؛ چاقماق لامپا ھەر قانچە چاقنىسىمۇ بىز قورقمايمىز. مەن ۋە سەككىز ياشلىق ئالا تايلاق چېچەن بولغاچقا، ھەمىشە قورقۇنچاق بالىلارنىڭ مىنىشىگە تەقسىم قىلىنىمىز.

ئالا تايلاق. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

 بىرىنچى ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىن كېيىن گۈزەللىكتە بەسلەشتۇق. بۇ ئۆتكەلدە «ساھىپجامال تۆگە»لەردىن بولغان بىز ئەلۋەتتە غەلىبە قىلدۇق. بىز ھەممىمىز «قىز بالا»، كۆزلىرىمىز يوغان، كىرپىكلىرىمىز ئۇزۇن، تۈكلىرىمىز قويۇق، لوكىمىز ناھايىتى ساغلام. بولۇپمۇ مەن تېخى ئاز ئۇچرايدىغان ئاق تۆگە، چېچەن، ئوماق ئوبرازىم رېژىسسورغا ئاسانلا يېقىپ قالدى.

 ئىگىمىز بىزنىڭ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تاللانغانلىقىمىزدىن خەۋەر تېپىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خۇشال ھالدا بىزگە نۇرغۇن قوناق يېگۈزۈپ، روھىمىزنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، قەدەملىرىمىزنى تېخىمۇ مەزمۇت قىلىۋەتتى، يەنە ھەر كۈنى ئارىلىقتا قوشۇپ يېگۈزىدىغان سەككىز تۇخۇمنى ئونغا كۆپەيتتى.

 ئەڭ قىيىن ئۆتكەل، تاللانغاندىن كېيىن كەلدى. بىز ئىگىمىزنىڭ يېتەكلىشىدە، مەيداندا مېڭىش لىنىيەسى بويىچە مەشىق قىلدۇق، دۆڭگە چىقىشىمىز تەكشى بولماي قالغاندا، قايتا- قايتا مەشىق قىلدۇق. لېكىن مەن قورقۇنچاق بولغاچقا، رېژىسسور ئازراق ئەپسۇسلاندى. گىرىملىك رېپېتىتسىيە قىلغاندا، رېژىسسور ھەر بىر تۆگىنى نەچچە مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ تېخىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشنى نامايان قىلماقچى بولدى. ئەپسۇسكى، مېنىڭ يېشىم بەك كىچىك بولغاچقا، ھەمراھىم ئالا تايلاق بىلەن ئۇزاقتىن يېتىپ- قوپۇشتا، غىزالىنىشتا بىللە يۈرۈپ ئۆگىنىپ قالغاچقا، ئۇنىڭدىن ئايرىلساملا سەل ساراسىمىگە چۈشۈپ قالىدىغان بولۇپ قالغانىدىم. پەقەت ئۇنىڭغا چاپلىشىپ ئالدى- كەينى بولۇپ يېقىن ماڭساملا، ئاندىن ئۆزۈمنى بىخەتەر سېزەتتىم.

 رېژىسسور مېنىڭ كىچىك ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ، مېنىڭ ھالىمغا يېتىپ، ھەممىمىزنى ئارقا- ئارقىدىن مەيدانغا چىقىدىغان قىلىپ، مېنىڭ خىجىلچىلىقىمنى يېنىكلەتتى. بۇ يەردە، مەن رېژىسسورنى سۆيۈپ تۇرۇپ، كەچۈرۈم سورىماقچى بولۇپ كەلگەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن.

باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رېپىتىتسىيە قىلىش سەھنىسىدە تۆگىلەر مەيدانغا چىقىشقا تەييارلىق قىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

 ئويۇن قويۇشتىن بۇرۇن، ئىگىمىز ناھايىتى ھاياجانلاندى. ئۇ بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، سەھنە جابدۇقلىرىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان جايلىرىنىڭ بار- يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ، بىزگە توختىماي تەسەللى بېرىپ: «كۆپچىلىك ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلاڭلار، كەچتە يەنە بىر نەچچە تۇخۇم ۋە قوناق قوشۇپ، كېچىلىك تاماق بېرىمەن» دېدى. ئەمەلىيەتتە، بىز ناھايىتى تەمكىنلىشىپ بولدۇق، مېڭىش لىنىيەسىنى بەك كۆپ قېتىم مېڭىپ، پىششىق بولۇپ يۈرىكىمىزگە ئورناپ كەتتى.

 باھار بايرىمىنىڭ ھارپا كېچىسى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى دىققەت قىلىپ تۇرغان پەيتلەردە، مەن ۋە ھەمراھلىرىم ئويۇن قويۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق، كۆزلىرىمدە ياش يالتىراپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. ئىگىمىزمۇ ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ بىزنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى ئەڭ داڭلىق ھايۋانات چولپانغا ئايلىنىدىغانلىقىمىزنى، تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 بۇ يەردە، مەن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوستلىرىمغا ئۆزۈمنى يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، مېنىڭ ئىسمىم ئاق تايلاق، باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان ئاق تۆگە. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كەلگەن ساياھەتچى دوستلار چوقۇم مەن بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈڭلار جۇمۇ. ئىگىمىز باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى نەق مەيدانىدا بىز بار رەسىمنى تارتىپ ئېلىپ كەلگەنلەرگە باھادا ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125