قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە مىڭ كىشىلىك داپ ساداسى ياڭراپ، كىشىلەر قەلبىنى لەززىگە سالدى
20:28:08 2024-02-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

 «تار كوچىدىن ئۆتكەندە كۆپچىلىك تەبىئىي ئورۇن ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ يېيىلىشىغا، ھەرىكەت سالمىقىنىڭ جايىدا بولۇشىغا، بولۇپمۇ ئەڭ ئالدىدىكى داپچىنىڭ ئورنىنىڭ جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭلار.» قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، رېژىسسور ئاقجول نۇرلان ئارتىسلارغا ئەسكەرتىش بېرىۋاتاتتى.

 ھارپا ئاخشىمى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بىر توپ يىگىت ۋە قىز داپ ئاۋازىنى ياڭرىتىپ، ئۇسسۇل قىياپىتى بىلەن بەخت تىلەپ، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا نامايان بولدى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى زىلزىلىگە كەلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاماشىبىنلار زىلزىلىگە كەلدى. 

«داپ- ئەجدىھا ئۇسسۇلى»نى رېپىتىتسىيە قىلىش مەيدانى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ فوتوسى

 قەشقەر شېنياڭ، چاڭشا، شىئەنلەر بىلەن بىرلىكتە باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش داپ ساداسىنى ياڭراتقاندا، باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئەڭ گۈزەل پەردىسى نامايان بولدى. مىڭ كىشىلىك داپ ساداسى ياڭرىدى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چىرايلىق كوچىلىرىدىن داپ چېلىپ، ئۇسسۇل قەدەملىرىگە دەسسىگىنىچە ئەجدىھا كۆتۈرگەن توپ- توپ ئارتىسلار تەرەپ- تەرەپتىن باش ئىستانسا باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانىنىڭ ئاساسىي سەھنىسىگە قاراپ ماڭدى.

 «قەشقەر قەدىمىي شەھىرى دەرۋازىسى، باغچا كوچىسى، ھەسەن- ھۈسەن كۆۋرۈكى ... بىزنىڭ داپچىلار، ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھەممىسى قەدىمىي شەھەر ئىچىدىكى ئۆزگىچىلىككە ئىگە، جەلپ قىلارلىق، بەلگە خاراكتېرلىك ئورۇنلاردا ئويۇن قويۇپ، تاماشىبىنلارغا ناھايىتى يېقىنلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ». ئاقجول ئىلى سىفەن داشۆسىنىڭ مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل شۆيۈەنىنىڭ مەخسۇس تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشالىغانلىقىدىن ئۆزىنى ئىنتايىن تەلەيلىك ھېس قىلدى.

 رېژىسسورلار گۇرۇپپىسى «داپ- ئەجدىھا ئۇسسۇلى» ھالقىسىنى پىلانلاش، لايىھەلەش ھالقىسىدا تەنتەنىلىك بولۇش، مۇجەسسەملىنىش، يۇغۇرۇلۇش، قىزغىن بولۇشتىن ئىبارەت بىر قانچە مۇھىم كۆرۈش سەزگۈسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نەق مەيداندا تولۇپ تاشقان كۈچ تۇيغۇسى بېغىشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئۇسلۇبى ۋە خىسلىتىنى نامايان قىلدى. 

 «تۆت جاينىڭ ھەممىسىدە داپ- دۇمباق چېلىنىدۇ، پەقەت شىنجاڭدا داپ بار، مانا بۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك.» داپنى ماڭغاچ، ناخشا ئېيتقاچ، ئۇسسۇل ئوينىغاچ چالغىلى بولىدۇ، داپ چېلىشتىكى جانلىقلىق ئاقجول ۋە باشقا رېژىسسورلارنى خېلى چوڭ ئىجادىيەت بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى.

 شىنجاڭدا، ئۇسسۇلغا داپ تەڭكەش قىلىپ ئورۇنداش بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، لېكىن ئادەتتە ئىككى ئادەم، بىرنەچچە ئادەم تەڭكەش قىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ، داپ چېلىش بىلەن بىللە يەنە مۇرەككەپ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ئورۇندايدىغان ئارتىسلار كۆپ ئەمەس.

 «داپ- ئەجدىھا ئۇسسۇلى» ھالقىسىدىكى ئويۇن كۆرسىتىشكە تاللانغان ئارتىسلار پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى كەسپىي ئەدەبىيات- سەنئەت ئورنى، ئۆمەكلىرى ۋە شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، ئىلى سىفەن داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇسسۇل كەسپىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىنغان.

«داپ- ئەجدىھا ئۇسسۇلى»نى ئويناشقا قاتناشقان ما جىپېڭ (سولدا) ھەمراھى بىلەن بىللە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ فوتوسى

 «ئۇسسۇلغا داپ تەڭكەش قىلىندى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىجادىيەت ئارتىسلارغا نىسبەتەن يەنىلا تەسكە توختايدۇ، بولۇپمۇ رېژىسسورلار كۈچ، ماھارەت، ماسلىشىشچانلىققا ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدىغان ھەم قول ھەرىكىتى بىر قەدەر كۆپ بولغان دولان ئۇسسۇلىنى لايىھەلىدى، بۇ، ئارتىسلارنىڭ داپ چېلىش، ئۇسسۇل ئويناشقا تەڭ ئېتىبار بېرىشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇردى.» 2- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئارتىس ما جىپېڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ بىر نەچچە كۈندە ماھارىتىنىڭ خېلى ئۆسۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

 «داپ- ئەجدىھا ئۇسسۇلى» ھالقىسىدا داپتىن باشقا ئاساسىي سەھنىدە چوڭ داپ بىرىكمە ئويۇنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، داپنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىپادىلىنىشى ۋە ئۇسسۇلنىڭ جانلىقلىقى بىلەن جۇڭگوچە سالاپەت نامايەن قىلىندى. 

 سەھنىنىڭ يادرولۇق ئورنىدا تۆت تىك دۇمباق چالىدىغان داپچى بار بولۇپ، رېژىسسورلار نۇقتىلىق تاللاپ چىققان. «بويى ئېگىز، قاۋۇل، بىلىكىنىڭ راۋرۇس كۈچى بار، ماسلىشىشچانلىقى ياخشى بولۇشى كېرەك، بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىلا ئاندىن بۇ ئويۇننى ئورۇندىيالايدۇ». دېدى رېژىسسور ئابدۇۋەلى ئابدۇرېشىت. 

 سەھنىدە «داپ ئاۋازى ئۇسسۇلنىڭ مېلودىيەسى، ئۇسسۇل داپ ئاۋازىنىڭ ھالىتى» مۇكەممەل ئۈن- سىن ئۈنۈمىنى جانلىق، راۋان ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇسسۇل ئارتىسلىرىنىڭ «قىيىن سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان» ئىرادىسى ئارقىلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئورۇنداش ھالقىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

 «ئۇسسۇلغا كەلسەك، ئارتىسلار ئۇسسۇل ئويناشقا ماھىر، لېكىن داپ چېلىشنى ئارتىسلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلمەيدۇ، لېكىن ئويۇندا داپنى سەھنە جابدۇقى قىلماي، بەلكى راست چېلىپ، نەق مەيداننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ئاۋاز چىقىرىش تەلەپ قىلىندى». ئاقجول مۇنداق دېدى: رېپېتىتسىيە قىلغان ۋاقىتتا ئارتىسلار ئالدى بىلەن داپ چالىدىغان «قىياپەت»نى كەسپىي داپچىلاردىن ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى كىرىشتۈردى. 

«داپ- ئەجدىھا ئۇسسۇلى»نى رېپېتىتسىيە قىلىش نەق مەيدانى. ئاقجول نۇرلان تەمىنلىگەن

 رېپېتىتسىيە قىلىش جەريانىدا، رېژىسسورلار ئىزچىل مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز ئورۇنلىغان نومۇرلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ھەم ئىللىق تۇرمۇشتىن كەلگەن»، داپچىلارنىڭ كوچىدىكى ئويۇنى قەدىمىي شەھەردىكى پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش تۇرمۇشىدىن كەلگەن، بۇ جايلاردا ئەر- ئايال، قېرى- ياش ھەممەيلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ داپ چېلىپ، ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ.

 «قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىلا ئەمەس، شىنجاڭنىڭ كەڭ تۇپرىقىدا بۇنداق مەنزىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، داپ ئاۋازى ياڭرىسىلا كىشىلەر ھەر ۋاقىت قەدىمىنى توختىتىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ناخشا ئېيتىدۇ.» ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: «داپ- ئەجدىھا ئۇسسۇلى» يەنە گۈزەل شىنجاڭنىڭ رەڭدار خەلق ئۆرپ- ئادىتى، قىزىقارلىق تۇرمۇشىنى نامايەن قىلىپ بەردى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125