بۇرماقان ئانا ئويۇن كۆردى: مەن ئالايىتەن بىر قۇر بايراملىق كىيىم تاللىدىم
23:04:41 2024-02-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

 مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانىنىڭ «گۈزەللىك شىنجاڭدا» ناملىق باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە پىروگراممىسىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈلكە- چاقچاقلىرى، جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى دېگەن قالتىس سىمفونىيەنى ئورتاق ياڭراتتى. 

 كامېرا تاماشىبىنلار ئورنىغا قارىتىلدى، قىرغىز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچىكىنى كىيىپ، قىزىل شارپا تاقىغان بۇرماقان مولدو دەممۇدەم چاۋاك چالاتتى، كۆز چاناقلىرىدىكى ياشنى سۈرتەتتى، «بۇ يىل ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە ئويۇن قويۇش نەق مەيدانىغا كەلدىم، مەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، سەھنە بىلەن بولغان ئارىلىقىم نەچچە مېتىرلا كېلىدۇ. سەھنە ئالاھىدە ھەيۋەتلىك، ئالاھىدە تەنتەنىلىك ئىكەن، نومۇرلار ئالاھىدە ئېسىل ئىكەن، ھەر بىر نومۇردا بىز پۇقرالارنىڭ باياشاتلىققا تولغان، كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، مەن باشتىن- ئاخىر چاۋاك چالدىم. مېنى ئەڭ پەخىرلەندۈرگىنى ئويۇننىڭ ئىشىك ئالدىمىزدىلا ئۆتكۈزۈلگىنى بولدى».

بۇرماقان مولدو (ئوڭدىن ئۈچىنچى كىشى) مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانىنىڭ «گۈزەللىك شىنجاڭدا» ناملىق باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە پىروگراممىسىنى كۆرمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ فوتوسى

 1- ئاينىڭ 24- كۈنى، بۇرماقان ئانا ئويۇننىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان پەيتتە، بەكمۇ خۇشال بولدى، «ئادەتتە چېگرانى چارلايمەن، شۇڭا  ئوچۇق رەڭلىك كىيىمنى ناھايىتى ئاز كىيىمەن. ئۆيدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە مەن ئالايىتەن بىر يۈرۈش بايراملىق كىيىمنى تاللىدىم، كىيىمگە قىزىل شارپا ماسلاشتۇردۇم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى روھلۇق كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدىڭىز، دېيىشتى».  

 يىل بويى چېگرانى چارلىغاچقا، بوران- چاپقۇندا، كۈچلۈك كۈن نۇرى ئاستىدا قار- مۇزلارنى كېچىدىغان بولغاچقا، بۇرماقان ئانىنىڭ ئىككى پۇتىنى جاراھەت بېسىپ كەتتى، ماڭسا ھاسىدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدى، يەنە داۋاملىق چېگرانى چارلاشقا ئامالسىز قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ھەر بىر سۇڭ چېگرا لىنىيەسىنىڭ غېمىنى يەيدۇ. ھازىر 81 ياشقا كىرىپ قالغان ئۇ يەنىلا قەرەللىك ھالدا ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى كۆرگىلى بارىدۇ، چېگرانى قوغداۋاتقان يۇرتداشلارنى يوقلايدۇ. «تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، چوڭ ئانا ئەمدىلا چېگرا لىنىيەسىگە بېرىپ چېگرا قوغدىغۇچىلىرىنى يوقلاپ قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئارام ئېلىۋېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتى»، دېدى چوڭ ئانىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىدىغان ئىبراھىم ئابدۇكېرىم.

بۇرماقان مولدو مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانىنىڭ «گۈزەللىك شىنجاڭدا» ناملىق باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە پىروگراممىسى مەيدانىغا كىرىش ئالدىدىكى كۈتۈش  مەيدانىدا باشقىلار بىلەن پاراڭلاشماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ فوتوسى

 قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە بۇرماقان مولدونىڭ ھېكايىسى تىلغا ئېلىنسا، بىلمەيدىغان، ئۇقمايدىغان ئادەم يوق. 2019- يىلى 9- ئايدا، ئۇ «خەلق نەمۇنىچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشتى. گۈلدەك ياشلىقىدىن 70 ياشقىچە، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدە 50 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ چېگرانى چارلاپ، چېگرانى قوغدىدى، بۇرماقان مولدونىڭ تولۇپ تاشقان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى، ھەتتا پۈتۈن ھاياتىنى ۋەتەننىڭ چېگرانى قوغداش ئىشلىرىغا بېغىشلىشى، كۆپچىلىكنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.

 1- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 2دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇرماقان ئانا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ھەر مىللەت يۇرتداشلاردىن ئەنسىرىدى، ئۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بەرمەكچى بولدى. «چوڭ ئانا: <خاپا بولماي 15 مىڭ يۈەننى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، بۇ بىزنىڭ ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ كۆڭلى> دېدى، ئۇ يەنە 56 مىللەتنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىشى ھەقلىق، دېدى»، دېدى ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى تاھىر مەنسۇر. 

 باھار بايرىمىلىق قانداق تىلىكى بارلىقى سورالغاندا، بۇرماقان ئانىنىڭ بەرگەن جاۋابى ئادەتتىكىدەك ھەم ئاددىي- ساددا بولدى، «ئەۋلادمۇ ئەۋلاد چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا يەنە ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ تىنچ- ئامان بولۇشىنى، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125