شىنجاڭلىق سەككىز ياشلىق «كىچىك ماناسچى» دادىسى بىلەن بىللە باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشتى
23:35:21 2024-02-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

 «مەن دادام بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ، باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدە <ماناس>نى بىللە ئېيتىمىز.» ھارپا كېچىسى مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»دە مىللىي ئېپوس «ماناس» بېيجىڭدىكى ئاساسىي كېچىلىك مەيدانىدا ئېيتىلىدۇ. ئۆتكەن 50 كۈندە، سەككىز ياشلىق مېيكىن مامەتتۇرغان ئىزچىل دادىسى مامەتتۇرغان ئاسەك بىلەن بېيجىڭدا تىرىشىپ رېپېتىتسىيە قىلدى.

مېيكىن مامەتتۇرغان (ئوڭدا) ۋە دادىسى. سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

 «مەيلى كەڭ تۇپراقنىڭ قىياپىتى قانداق ئۆزگەرسۇن، قەھرىماننىڭ ھېكايىسى ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كەلمەكتە ...». گەرچە بۇ قېتىمقى «ماناس» ئېيتىشىشى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە پەقەت بىر مىنۇتلا نومۇر ئورۇندىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن كىچىك مېيكىنگە ئېپوس ئېيتىشنىڭ شان- شەرەپ تۇيغۇسىنى تۇنجى قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

 تۇنجى قېتىم بېيجىڭغا كەلگەندە، ئۇ ھەممىگە قىزىقىش نەزەرىدە قارىدى. باش ئىستانسا قەيەردە؟ ئاڭلىتىش زالى نېمانچە چوڭ؟ ئۇلاپ تارقىتىش ئاپتوموبىلى دېگەن نېمە؟ ئۆيدىكى تۇغقانلار ئويۇنۇمنى قانداق كۆرەلەيدۇ؟

 باش ئىستانسىنىڭ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رېپېتىتسىيەسىگە قاتنىشىش «قىزىققاق بالا» مېيكىن ئۈچۈن بىر قېتىملىق ناھايىتى چوڭ سىناق بولدى، ئۆي ئىچىدە مەشىق قىلىش، ئارقا سەھنىدە مەشىق قىلىش، سەھنىگە چىقىپ مەشىق قىلىش قايتا- قايتا تەكرارلاندى، ھەر كۈنى تەكرارلاندى.

 «كىچىك بالىلار شوخ بولىدۇ، بۇياققا قاراپ باقىدۇ، ئۇياققا بېرىپ باقىدۇ، شوخلۇق قىلىشىدىن ھەمىشە ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇ بەكلا ئىش ئۇقىدۇ، ئۇنىڭغا ئەسكەرتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېسىدە چىڭ تۇتىدۇ، نومۇر ئېلىش زالى، رېپېتىتسىيە مەيدانىدا پىروگرامما گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپى ۋە تەرتىپىگە رىئايە قىلىپ، ئۆزى ئويۇن قويۇش كىيىمىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ، مەيدانغا چىقىشقا تەييار تۇرىدۇ.» مامەتتۇرغان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن يولغا چىققاندىن تارتىپ، مېيكىنگە بۇ قېتىمقى ئويۇننىڭ مۇھىملىقىنى، بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى قەدىرلىشى كېرەكلىكىنى ئىزچىل تەكىتلىدى.

 مامەتتۇرغان شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كومپوزىتورى، مۇزىكا رېژىسسورى، ئۇ مۇزىكا ئىجاد قىلىدۇ، ناخشا ئېيتىدۇ، چالغۇ چالىدۇ، شۇنداقلا «ماناس»نى ئېيتىش، ئورۇنداشتا يېڭىلىق يارىتىشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ.

مېيكىن مامەتتۇرغان (سولدا) دادىسى بىلەن پىيانىنو چېلىشنى مەشىق قىلماقتا. سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن

 مېيكىن مۇزىكا كەيپىياتى قويۇق ئائىلىدە چوڭ بولغان، دادىسى ئۇنىڭ بىرىنچى ئۇستازى. «مەن ئۆيدە ھەر كۈنى ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىمەن، مېيكىن ئەمدىلا تىلى چىققان كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا ماڭا ئەگىشىپ ناخشا ئېيتاتتى، ۋارىسلىق قىلىشقا ئەسلىدىنلا زورلاش كەتمەيدۇ، ئۇ تەبىئىي بولىدۇ.» مامەتتۇرغان مۇنداق دېدى: ئۆيدىكى قومۇز، ئېغىز قومۇز، پىيانىنو ھەممىسى ئىككىمىز بىللە ئوينىغاندا ئىشلىتىدىغان ئويۇن جابدۇقلىرى.

 ئۇنىڭ يۇرتى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە، بالىلار «ماناس» ئېيتىشىشنى ئاڭلاپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئېگىزلىكتىكى چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ئىللىق كىگىز ئۆيدە، بايراملىق يىغىلىشلاردا، ماناسچىلارنىڭ ماناسنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

 «مېيكىننىڭ ھازىرقى ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىكىگە ئوخشىمايدۇ، زامانىۋى پۇراققا تولغان شەھەر تۇرمۇشىدا ئۇ قوبۇل قىلىدىغان يېڭى شەيئى ناھايىتى كۆپ، تاللاشقا بولىدىغان قىزىقىشمۇ ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ئۇ <ماناس>نى ئېيتىشنى ياخشى كۆرىمەن دېگەندە، مەن سەل ھەيران قالدىم ھەم خۇشال بولدۇم». قىزىقىش ئەڭ ياخشى ئۇستاز، مامەتتۇرغان بۇ نۇقتىغا چوڭقۇر ئىشەنگەچكە، مېيكىننىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىغا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ياردەم بەردى.

مېيكىن مامەتتۇرغان (ئوتتۇرىدا) يۇرتىدا ئويۇن قويۇشقا قاتناشماقتا. سۈرەتنى ئۆزى تەمىلىنگەن

 «ماناس» سەھنە سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىگە ئىشتىياق باغلىغان مامەتتۇرغان خەلق ئارىسىدىكى نۇرغۇن ماناسچى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسىنى زىيارەت قىلدى، ئۇ ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر بىلەتتى. «قانداق ۋارىسلىق قىلدۇرۇش كېرەك؟ مېنىڭچە، مېيكىن كەلگۈسىدە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن <ماناس> ئېيتىشنى ئۆمۈرلۈك قىزىقىشى سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرسا، ناھايىتى ياخشى بولىدۇ».

 مېيكىنمۇ دادىسىنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش، ئەينەك ئالدىدا تۇرۇپ، ئاشۇ مۇنەۋۋەر ماناسچىلارنىڭ چىراي ئىپادىسى، ھەرىكەتلىرى، ئاۋازىنى دوراشنى ياخشى كۆرىدۇ، كاللىسىدا دادىسى سۆزلەپ بەرگەن ماناس قەھرىمانلىق ھېكايىسىدىكى ھەر بىر تەپسىلاتنى ئويلايدۇ.

 «دادام توغرا ئېيتىپلا قالماي، يەنە ھەرىكەتنى ياخشى قىلىشىڭ، ھېسسىياتنى ياخشى ئىپادىلىشىڭ كېرەك، دەيدۇ». مېيكىن دادىسىنىڭ تاپىلىغانلىرىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىدى، بۇ ئۇنىڭ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى، شۇنداقلا دادىسىنىڭمۇ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى، ئۇ دادىسىنى «پېشقەدەم ئارتىس» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە ئوخشاشلا ھاياجانلىنىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125