باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى، قەشقەر تەييارلىنىپ بولدى
18:38:21 2024-02-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى

 بارلىق تەييارلىقلار پۈتتى.

 مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانىدا پات ئارىدا ئېسىل نومۇرلار كۆرسىتىلىدۇ.

 ھازىر، قەشقەردىن ئىبارەت بۇ گۈزەل شەھەردە تۇرۇپ ئەتراپقا نەزەر سالساق، بايراملىق بېزەكلەر، قىزغىن تەبەسسۇمغا تولغان چىرايلار، مەززىلىك تائاملار، گۈزەل ناخشا- ئۇسسۇللار، شۇنداقلا قويۇق بايرام كەيپىياتى، باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە بولغان قىزغىن تەلپۈنۈشنى كۆرىمىز.

 بۇ شەھەر پۈتۈن مەملىكەتكە، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا قىزغىن قۇچاق ئېچىپ، يۇقىرى ئاۋازدا، قەشقەر، تەييارلىنىپ بولدى! دېدى.

 ھەممە يەر ياسىنىپ يېڭى قىياپەتكە كىردى

 كىچىككىنە بوشلۇققا غايەت زور كۈچ يوشۇرۇنغان، كىچىككىنە ئىشلاردىن ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۆبە مەيداندىكى ئويۇننى ياخشى نامايان قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر ھەرقايسى تەرەپلەردە تولۇق تەييارلىق قىلدى، بايراملىق ياسىنىش دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

 مەيلى ئايروپىلانغا ياكى پويىزغا ئولتۇرۇپ يېتىپ كېلىش بولسۇن، قەشقەر شەھەر رايونىغا قاراپ ماڭىدىغان يول بويىنىڭ ھەممىلا يېرىدە چۇنليەن، پانۇس، بەخت خېتى قاتارلىق قۇت بېزەكلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، شەھەر رايونى قويۇق بايرام تۈسىگە چۆمگەنىدى.

 بۇ يىل، قەشقەر شەھىرى 17 ئاساسلىق غول يول ھەم 44 يول ئېغىزى تۈگۈنىدە رەڭلىك چىراغ ۋە بېزەك بۇيۇملار ئارقىلىق «تىنچ - ئامان» «بەخت شەرقتىن كېلىدۇ» «خەيرلىك ۋە قۇتلۇق بولسۇن» قاتارلىق 17 باش تېمىنى بارلىققا كەلتۈردى، 44 يول ئېغىزىغا «كاتتا بايرامنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈش» پانۇسلىرى قاتار ئېسىلغان بولۇپ، نۇر ۋە سايە قەشقەر كېچىسىگە باشقىچە ھۆسن قوشۇپ رەڭدارلىقنى نامايان قىلدى.

 بۇنىڭ ئارقىسىدا، قەشقەردىكى شەھەر باشقۇرۇش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق كۆپ تارماقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە قوغدىشى بار. «بىز تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ يارقىن نامايان بولۇشى ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىمىز» دېدى قەشقەر شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋاڭ جى.

 ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىمۇ تولۇق تەييارلىق قىلدى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى قىزىل پانۇس، جۇڭگو تۈگۈچى قاتارلىقلار بىلەن بېزىلىپ يېپيېڭى تۈسكە كىردى، ياخشى باشلىنىشتىن بىشارەت بېرىپ تۇرغان قىزىل پانۇسلار قويۇق بايرام تۈسى بېرىپلا قالماستىن، ئۇنىڭغا يەنە كىشىلەرنىڭ يېڭى بىر يىلغا بولغان تولۇپ تاشقان تىلىكى ۋە گۈزەل ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەنىدى. قەدىمىي شەھەردە ھەر خىل تىپتىكى دۇكانلار بار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىشتىن تارتىپ ساياھەت ئويۇنىغىچە، مودا مەدەنىيەت ئىجادىيىتىدىن تارتىپ خاس تائاملارغىچە، تارىخىي مەدەنىيەت ۋە شاد- خۇراملىققا ئىگە.

 قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تاشقى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئادىلجان ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: «كەيپىيات يارىتىشتىن باشقا، بىز مۇلازىمەت سۈپىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۆستۈردۇق، مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەر ۋە ھەرقايسى دۇكانلار ئەڭ زور قىزغىنلىق، ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قەشقەرگە كېلىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشىنى قارشى ئالىدۇ».

 يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ داۋاكۆل قۇملۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناركۆل مەنزىرە رايونى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىمۇ يېڭى قىياپەتكە كىردى، قىزىل بولاق تېمى، پانۇس تېمى، ئەجدىھا شەكىللىك قەغەز قىيما قاتارلىق سۈرەتكە تارتىش داكا نۇقتىسى ساياھەتچىلەرگە تەييارلىنىپ بولدى.

 مول پائالىيەتلەر يولغا قويۇلدى

 قەشقەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى مول، ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدا بىر قەدەر يۇقىرى تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە، «قەشقەرگە بارمىساڭ شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايسەن» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

 مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىلدىن بۇيان قەشقەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.

 قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ خۇي مۇنداق دېدى: «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانىنى بۇ يەردە تەسىس قىلىش مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىگە نىسبەتەن چوڭ ياخشى ئىش، قەشقەر تۆت پەسىللىك ساياھەتكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، بىز بۇنداق پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز».

 شۇ جايدىكى A دەرىجىلىك 57 مەنزىرە رايونى سەمىمىيلىك بىلەن 2 - ئاينىڭ 9-  كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە (باھار بايرىمى ھارپىسىدىن باھار بايرىمىنىڭ 15 - كۈنىگىچە) تۇنجى كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى قەشقەرگە بېرىپ قىشلىق قۇملۇق، توغراق، قەدىمىي شەھەرنى تاماشا قىلىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.

 مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى مول پائالىيەتلەرنى تەييارلىدى، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرمۇ «باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايىتى توردا ۋە تور سىرتىدا 95 تۈرلۈك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ساياھىتى باش تېما پائالىيىتىنى ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزىدۇ، پەيزاۋات ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەر ئاۋات كوچا ئويۇنى ئۆتكۈزىدۇ، يەنە دولان مۇقامى ئويۇنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى، دېھقانلار رەسىم ئىجادىيىتى تەسىراتى، خەلق ئۆرپ- ئادەت ماھارىتى پائالىيىتى، ناخشا- ئۇسسۇل ئويۇنى قاتارلىقلار ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ.

 قەشقەر ياڭگۇاڭ جىلۈ ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى 1- ئاينىڭ باشلىرىدىن تارتىپ باھار بايرىمىلىق ئۆمەك شەكلىدىكى ساياھەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى، يەنە بىر كۈنلۈك ساياھەتتىن بەش لىنىيەنى، ئىككى كۈنلۈك ساياھەتتىن ئىككى لىنىيەنى يولغا قويدى. بۇ كوپىراتىپنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ يىڭ مۇنداق دېدى: «ئۆمەككە تىزىملاتقانلار كۆپ، مەسلىھەت سورايدىغانلار تېخىمۇ كۆپ. قەشقەرنىڭ كېلىشنىڭ ئۆزى مېھمان بولۇش، كۆپچىلىكنىڭ خۇشال- خۇرام ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

 سىزنىڭ كېلىپ داكا قىلىشىڭىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز

 «قەشقەرنىڭ پاچاق پولۇ قاتارلىق ئېغىر ناشتىلىقلىرى ناھايىتى خاسلىققا ئىگە، كۆپچىلىكنى باشلاپ ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر كۈننى باشلىۋېتەيلى.» شېن دىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى بىر تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرغۇچىسى، ئۇ مەززىلىك تائاملارنى ياخشى كۆرىدۇ، خام بازىرىدا نۇرغۇن سىن كۆرۈنۈشلىرىنى سىنغا ئېلىپ، تورداشلارغا باھار بايرىمىدا قەشقەرگە كەلگەندە قايسى مەززىلىك تائاملارنى چوقۇم تېتىپ بېقىش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.

 قېتىق زۇڭزىسى، كاۋاپ، قاقلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم، سامسا، پولۇ، ئانار شەربىتى، تاۋۇز، قوغۇن، قىزىلگۈل سېلىنغان باچكا شورپىسى... تەملىك، ئىچىشلىك ھەم كۆركەم بولۇپ، قويۇق شاد- خۇراملىققا تولغان كەيپىيات كىشىلەرنىڭ قىش كۈنلىرىنى ئىللىتماقتا ئىدى.

 2- ئاينىڭ 4- كۈنى، خام بازىرىدىكى خۇياڭگې ۋەنرېن پولۇخانىسىدا، خىزمەتچى ئابدۇقادىر ئابدۇقېيۇم بىلەن ئارزۇگۈل روزى باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

 بۇ پولۇخانىدا دىيامېتىرى 2.5 مېتىر كېلىدىغان ئۈچ تۆمۈر قازان بار بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا پولۇ، قىزىلگۈل سېلىنغان باچكا شورپىسى ۋە  ئۆپكە- ھېسىپ پىشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ دۇكاننىڭ مەسئۇلى جىن فۇلۇڭ مۇنداق دېدى: «باھار بايرىمى مەزگىلىدە كىشىلەر ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن چوقۇم كۆپ بولىدۇ، بىز بالدۇرراق ياخشى تەييارلىق قىلىپ، ھەر كۈنى سائەت 10دىن ئەتىسى سەھەر سائەت 1گىچە تىجارەت قىلىشنى پىلانلىدۇق».

 ليۇ خۇي مۇنداق دېدى: «قەشقەر شەھىرىدىكى 50 دۇكاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 295 <خاس يېمەك- ئىچمەك داڭلىق دۇكىنى> تەييارلىقنى پۈتكۈزۈپ بولدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىپ داكا قىلىپ، تېتىپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز».

 ساياھەت سۈرىتى تارتىش ھازىرقى ساياھەتچىلەرنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنى داكا قىلىشتىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىلىق شەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، قەدىمىي شەھەردە 160تىن ئارتۇق ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنى بار، فۇياۋ سۈرەتكە تارتىش قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ ساياھەت سۈرىتى تارتىش دۇكىنى. «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكى كىيىم- كېچەك ۋە گىرىم چوقۇم مودا ئېقىمغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بىز گىرىم قىلىشقا مەسئۇل خىزمەتچىلەرگە باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە نۇقتىلىق دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ۋەزىپە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردۇق، ئاندىن زاكازلىق كىيىم- كېچەك بۇيرۇتۇپ، چولپانلار بىلەن ئوخشاش پاسون چىقىرىشنى ئويلاشتۇق.» بۇ دۇكاننىڭ مەسئۇلى ليۇ فېڭ مۇنداق دېدى: دۇكىنىمىز چۇنليەن، بەخت خېتى، جۇڭگو تۈگۈچى قاتارلىق سۈرەتكە تارتىش جابدۇقلىرى ۋە خۇشاللىقنى ئىپادىلەيدىغان گىرىم بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، يەنە ساياھەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قول ئىسسىتىدىغان گىرىلكا تەييارلىدۇق.

 قەشقەرنىڭ تەييارلىقى پۈتۈپ بولدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125