شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى
22:29:24 2024-02-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى  2- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىل يېتىپ كېلىش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

 ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا باھار بايرىمىلىق سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگودا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بايرام كەيپىياتى ناھايىتى قويۇق بولىدۇ، جۇڭگو خەلقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئەجدىھا يىلىغا نىسبەتەن ئۈمىدكە تولدى، شۇنداقلا ئىشەنچكە تولدى! زۇڭتۇڭ پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: ئەجدىھا جۇڭگو مەدەنىيىتىدە ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنىڭ سىمۋولى، مەن دوست جۇڭگو خەلقىگە ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىمنى بىلدۈرىمەن! جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەجدىھا يىلىغا مۇبارەك بولسۇن! ھەممە ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن!

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يىل ئاخىرى ۋە يىل بېشىدا ئۆزئارا سالام يوللاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسىگە ئورتاق نەزەر سېلىش بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ياخشى ئەنئەنىگە ئايلاندى. ئۆتكەن بىر يىلدا بىز ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئالاقىسى جانلىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، ئىككى تەرەپ يىللىق سودا سوممىسى نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ۋە يەرلىكلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشى جۇشقۇن قانات يايدۇرۇلدى، تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزنى ئەسلىسەك، بىز بىرلىكتە نۇرغۇن بوران- چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈردۇق. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو − رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش روھىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو − رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشى، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىچكى ئىشقا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، جۇڭگو − رۇسىيە مەدەنىيەت يىلىنى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئاممىغا يېقىن بولغان، ھارارەتكە تولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلب رىشتىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ قازاقىستاننىڭ بۇ يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپنىڭ 2024- يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى پائال قوللايدۇ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

 پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل رۇسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، رۇسىيە − جۇڭگو مۇناسىۋىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. بۇلتۇر رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ يىللىق رۇسىيە − جۇڭگو مەدەنىيەت يىلى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى يۈرۈشلۈك ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ رۇسىيە تەرەپنىڭ بۇ يىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رايون ۋە خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا قوللاپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداشنى، ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. رۇسىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەن مەسىلىسىدە جۇڭگوغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدىغان ھەرقانداق خەتەرلىك قىلمىشقا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

 ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ھازىرقى خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېڭى بىر يىلدا قويۇق ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ، جۇڭگو − رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125