(2024- يىلى 2- ئاينىڭ 8- كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن)
شى جىنپىڭ
يولداشلار، دوستلار:
ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۈگۈن بىز بۇ يەرگە خۇشال- خۇرام جەم بولۇپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالماقتىمىز.
ئالدى بىلەن، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە بايراملىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن! پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن!
ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان گۇيماۋ توشقان يىلى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل. ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۆپ خىل قىيىنچىلىق، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم تاشلىدۇق.
بىر يىلدىن بۇيان، بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسكىنلىك بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ تىنچ باسقۇچقا ئۆتۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنى 126 تىرىليون يۈەندىن ئاشۇردۇق، ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتۇق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇردۇق، پۈتۈن يەرشارىغا نەزەر سالساق يەنىلا «بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل». پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز شەكىللەندۈردۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدۇق. ئېكولوگىيە- مۇھىتنى سىجىل ياخشىلىدۇق. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى قەدەم تاشلىدۇق. چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق.
بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدۇق.
بىز شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىنى پائال قوللاپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغدىدۇق. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى نامايان قىلدۇق.
بىر يىلدىن بۇيانقى پىداكارلىق بىلەن قىلغان كۈرەشنى ئەسلەپ ئۆتسەك، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەم جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىدىكى پارلاق يول ئىكەنلىكىنى، ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەققانىي يول ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بىز پەقەت يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارساقلا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى ھەر خىل جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ- خەتەر، توسالغۇلارنى چوقۇم يېڭىپ، مۇۋەپپەقىيەت قىرغىقىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلەيمىز!
يولداشلار، دوستلار!
2024- يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلىشىمىز كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرى ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.
يولداشلار، دوستلار!
ئەجدىھا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توتېمى، ئۇ قۇدرەتلىك، قەيسىرانە قىياپەتكە، باتۇر، قورقماس جاسارەتكە، جاھانغا بەخت يارىتىدىغان ھېسسىياتقا، چەكسىز قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولۇپ، ھەم 5000 يىلدىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش مەنىۋى تومۇرىغا سىمۋول قىلىنغان، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى 100 مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە گۈزەل ئارزۇسى يۈكلەنگەن. جياچېن ئەجدىھا يىلىدا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت ۋە جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پىداكارلىق بىلەن تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەڭ ئاخىرىدا، كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ ساغلام، خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك، ئەجدىھا يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!
كۆپچىلىككە رەھمەت!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)