ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باھار بايرىمى ھارپىسىدا پېشقەدەم يولداشلار ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلاشقا ھەم ئۇلاردىن ھال سوراشقا تەشكىللىدى
22:50:46 2024-02-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

   ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى زىيارەت قىلىش، ھال سوراش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم ئايرىم- ئايرىم ھالدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلدى، ھال سورىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە، ئەجدىھا يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ۋەتىنىمىز شىنجاڭىنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

 ياڭ چېڭ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا زىيارەت قىلىش، ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  ما شىڭرۇي قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ۋە ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەندىكى پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ياكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوقلاشنى ھاۋالە قىلدى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇلارنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە، تېنىنىڭ ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى. پېشقەدەم يولداشلار بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، شىنجاڭنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى خۇشاللىنارلىق نەتىجىلىرىدىن چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولدى. پېشقەدەم يولداشلار ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ كۈندىن- كۈنگە يۈكسىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىياتنى كۈتۈۋېلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

 پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى دۆلەت تۆھپە شەرىپىگە ئېرىشكۈچىلەر ۋە ھەرساھە، ھەر كەسىپتىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى، ئۇلارنىڭ شان- شەرەپنى قەدىرلەپ، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش قىزغىن ئەمەلىيىتىدە يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى؛ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ئىختىساسلىقلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ھەم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارنى ئەۋزەللىكى، رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى؛ مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى قاتارلىق خىزمەتلەردە قۇربان بولغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە پېشقەدەم ھەربىيلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، يارىلانغان، مېيىپ بولغان ھەربىيلەر، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ۋەتەننىڭ خاتىرجەملىكى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇربان بولغان ۋە تۆھپە قوشقان يولداشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، ھەرقايسى جايلارنىڭ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ھەم نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىشنى تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ يوقلىدى، ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەردىن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ھال- ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، يار- يۆلەك بولۇش، قۇتقۇزۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى يەنە قىسىم تۇرۇشلۇق جاي، چېگرا قاراۋۇلخانىسى، بىرىنچى سەپتىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى گۇڭئەن كادىر - ساقچىلىرى قاتارلىقلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى.

 ما شىڭرۇي قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى يوقلاش، ھال سوراش داۋامىدا مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى بىر يىلدا، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى، چوڭقۇر كۆيۈنۈشىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، ھەرقايسى سەپتىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي تۆھپە يارىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى تېخىمۇ زور قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەرقايسى جايلار خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بايرام مەزگىلىدىكى ئېنېرگىيە كاپالىتى، بازار تەمىناتى، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق، باشقۇرۇش- مۇلازىمەت قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كاتتا باھار بايرىمىنى شاد- خۇرام، تىنچ، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125