مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى نومۇرلار 2- ئاينىڭ 9- كۈنى كەچتە كۆرسىتىلدى، دىلرابا، ئاراپات، يۈ مېڭلۇڭ، ۋاڭ خۇڭۋېي قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئارتىس، ناخشىچى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئارتىسلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى نەچچە يۈز مىليون تاماشىبىنغا جۇڭگونىڭ باھار بايرىمى پۇرىقى، يىپەك يولى مەنزىرىسى، گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرى مۇجەسسەملەنگەن باھار بايرىمىلىق كاتتا كۆرۈش- ئاڭلاش زىياپىتىنى تەقدىم قىلدى. مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر قەشقەر خۇددى شېئىردەك، سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى، باش ئىستانسا باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى قەدىمىي شەھەرنى بويلاپ سېلىنغان، 12 خىيالىي ئىمارەت بىلەن 12 ئۆگزە بوشلۇق قالدۇرۇپ گىرەلىشىپ كەتكەن، چىراغلار چاقناپ، سەھنە جۇلالىنىپ، كىشىگە خىيالىي دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بەردى.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)