2- ئاينىڭ 10- كۈنى باھار بايرىمىنىڭ 1- كۈنى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانىنىڭ باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە پىروگراممىسى − «گۈزەللىك شىنجاڭدا» كۆرسىتىلدى. مەمەت تۇرسۇن ئېيتقان، ماھىرە ئەمەتجان باش ئۇسسۇلچى بولغان «مۇھەببىتىمنى ئانا ۋەتىنىمگە بېغىشلايمەن» ناملىق ناخشا- ئۇسسۇل قالتىس ئورۇنلاندى.
بۇ ئەسەر «ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتىنى ئاساس، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش»نى ئىدىيە، مۇقام كۈي شەكلى مېلودىيەسىنى خام ماتېرىيال قىلىپ، ناخشا- ئۇسسۇل، مۇزىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش شەكلىدە ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئانا ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. ئەسەردە ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك سەنئەت ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، ھازىرقى زامان ئىستېتىكا ئىدىيەسى ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلى كىرگۈزۈلۈپ، مۇقامنىڭ ئۆزىگە خاس مۇزىكا شەكلى، ئورۇنلاش ئۇسۇلى ۋە ئورۇنلىنىدىغان چالغۇلىرى نامايان قىلىنغان. سەھنە گۈزەللىك لايىھەسى، كىيىم- كېچەكلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈش بىلەن بىللە، زامانىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرى كىرگۈزۈلۈپ، گۈزەل ھەم مودا تۈسكە ئىگە قىلىنىپ، ئەسەر جانلىق دەۋر پۇرىقىغا ۋە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)