شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا باھار بايرىمى كەيپىياتى قويۇق بولدى
14:36:04 2024-02-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

2- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئارتىسلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ كوچا ئېچىش مۇراسىمىدا ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇندىماقتا.

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 2- ئاينىڭ 10- كۈنى، باھار بايرىمىنىڭ 1- كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى، كوچا ئېچىش مۇراسىمى، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئەزىمەتلەر ناخشا- ئۇسسۇلى، ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئۈچ شاھزادە قىزىل بولاق تارقىتىش، خۇاڭخې دەرياسى ئۇچار ئەجدىھا خەلق ئۆرپ- ئادىتى ئويۇنى قاتارلىقلار نۆۋەت بىلەن ئورۇندىلىپ، قىزغىن، خۇشال، قويۇق بايرام كەيپىياتى بارلىققا كەلدى.

 ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىسى جاڭ چېڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە خەلق ئۆرپ- ئادىتى ئويۇنلىرىنى كۆرگىلى كەلگەنىدى: «چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا خەلق ئۆرپ- ئادىتى ئويۇنى بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئالايىتەن بۇ يەرگە كەلدۇق، ھەقىقەتەن قاينام- تاشقىنلىققا چۆمۈپ، بايراملىق كەيپىيات قويۇق بوپتۇ».

 ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، باھار بايرىمى مەزگىلىدە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، «چوڭ بازاردا باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش» خەلق ئۆرپ- ئادىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت كۆرىكى، «ئەجدىھا ئوينىتىپ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش» يۈەنشياۋ بايرىمى كوچا ئويۇنى كۆرىكى، «بازاردا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش» باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدىكەن.

2- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئۈچ شاھزادە قىزىل بولاق تارقاتماقتا.

2- ئاينىڭ 10- كۈنى، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ كوچا ئېچىش مۇراسىمىدا شىر ئوينىتىش نومۇرى ئورۇندالماقتا.

2- ئاينىڭ 10- كۈنى، ساياھەتچىلەر چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنى ساياھەت قىلىپ، ئايلانماقتا.

2- ئاينىڭ 10- كۈنى، چاۋشەن ئەزىمەتلەر ناخشا- ئۇسسۇلى ئەترىتى ئەزىمەتلەر ناخشا- ئۇسسۇلىنى ئورۇنلىماقتا.

2- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئارتىسلار خۇاڭخې دەرياسى ئۇچار ئەجدىھا خەلق ئۆرپ- ئادىتى ئويۇنى كۆرسەتمەكتە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125