دوختۇرخانىدا شاڭخەيدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر بار، مەكتەپتە گۇاڭدۇڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بار، يولدا شەندۇڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن «ئاپتوموبىللار» بار... بۇ يەر بىز ئورتاق قۇرغان گۈزەل ماكان. شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە، تۇرمۇشتا سىزگە تونۇش سىمالار بار، چۈنكى بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى.
2- ئاينىڭ 10- كۈنى باھار بايرىمىنىڭ 1- كۈنى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانىنىڭ باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە پىروگراممىسى − «گۈزەللىك شىنجاڭدا» مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1- يۈرۈش قانىلىدا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلدى. ياش ناخشىچى ساۋ فۇجيا يامغۇر ئىستۇدىيەسى «لىمون» خور ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە «ئارزۇغا يېتىش» ناملىق ناخشىنى ئېلىپ كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىر، ئىختىساسلىقلارغا مۇنداق يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان تۇغقانلار، شىنجاڭ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدىكىدەك بولدى.
يامغۇر ئىستۇدىيەسى «لىمون» خور ئۆمىكى 2014- يىلى قۇرۇلغان. بۇلتۇر، شىنجاڭنىڭ بۇ ئۆسمۈرلەر خور ئۆمىكى توردا نام چىقاردى، كەڭ تورداشلار ئۇلارنى «تيانشان تېغىدىكى ئەڭ گۈزەل غۇنچە» دەپ ئاتاشتى. ئۇلار شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۈمىدۋار، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپىتى، ۋەتەن ھەم يۇرتىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە يىپيېڭى، شۇنداقلا ھەسەلدەك شېرىن تۇرمۇشىنى نامايان قىلدى، بولۇپمۇ سەھنىدىكى يېقىملىق بالىلار ئاۋازى، خۇشال روھىي ھالىتى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپىتى بىزنى ھەممە ئارزۇيىمىزغا يېتىدىغانلىقىمىزغا ئىشەندۈردى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)