2- ئاينىڭ 10- كۈنى باھار بايرىمىنىڭ 1- كۈنى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شۆبە مەيدانىدىكى باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە پىروگرامما − «گۈزەللىك شىنجاڭدا» مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1- قانىلىدا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلدى. شىنجاڭلىق ناخشىچى ئاراپات ئارسلان «قەشقەر كېچىسى» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، بىزنى خۇددى 100 يىللىق قەدىمىي چايخانىغا كىرىپ خۇشپۇراق چاينىڭ تەمىنى تېتىغاچ، مۇزىكىغا جور بولۇپ شادىيانە ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى. قەشقەرنىڭ كېچىسى خۇددى ئەرفان ناخشىسىدا ئېيتقاندەك قىزغىن ھەم مەپتۇنكار.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)