جۇشقۇن دولان رىتىمى مەردانە، ياڭراق شەندۇڭ دۇمباق ياڭگېرىغا ئۇچراشقاندا، قانداق ئاجايىپ ئۈنۈم ھاسىل بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى دەل ئەرلەر كوللىكتىپ ئۇسسۇلى «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت»تە.
2- ئاينىڭ 10- كۈنى باھار بايرىمىنىڭ 1- كۈنى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شۆبە مەيدانىدىكى باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە پىروگرامما − «گۈزەللىك شىنجاڭدا» مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1- قانىلىدا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلدى، كوللېكتىپ ئۇسسۇل «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت»تە ئىككى خىل سەنئەت شەكلى ئۇستىلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئاجايىپ سىڭىشتۈرۈۋېتىلدى، نوتا، ئۇسسۇل قەدىمى شۇنداق ماسلىشىپلا قالماي، يەنە تاماشىبىنلارنىڭ يۈرىكىگە ئوت يېقىۋەتتى.
دولان ئۇسسۇلى دۇمباق ياڭگېرىغا ئۇچراشقاندا، بىزنى بىرلىكتە بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قارىتىدۇ، چۈنكى قۇياش دەل نۇر چېچىۋاتقانىدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)