ئارتىس جيا لىڭدەك ئورۇقلاش ھەممەيلەنگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ
18:16:54 2024-02-11
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئارتىس جيا لىڭنىڭ 100 جىڭ ئورۇقلىغانلىقى نۇرغۇن تورداشنى ھەيران قالدۇردى. بىراق دوختۇر بىر يىلدا 100 جىڭ ئورۇقلاشنىڭ تېببىي ئىلىمدىكى ئېغىرلىقنى كېمەيتىش نورمال دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەربىر ئادەمنىڭ قانچىلىك ئورۇقلىشى يەنە ئېغىرلىق ئاساسىي سانى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاش نۇرغۇن كىشىگە ماس كەلمەيدىكەن، يەنە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر:
阿布列利木·艾则孜