سەنئەت ئىقتىسادىنىڭ ئىستېمالغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرايلى
11:42:12 2024-02-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 دەي لى

 باھار تۈسىگە كىرگەن بايراملىق مەدەنىيەت بازارلىرىدا ياخشى ئويۇنلار ئارقا- ئارقىدىن قويۇلۇپ، مەدەنىيەت ھاياتىي كۈچى سىجىل قويۇپ بېرىلمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باھار بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ سودا ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇن قويۇش بازىرى ئىنتايىن قىزىپ كەتكەن بولۇپ، 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 72 تۈرلۈك سودا ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، 215 مەيدان قېتىم تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇلىدىكەن. بۇ قالتىس ئويۇنلار ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىشقا خۇشاللىق بېغىشلاپ، قويۇق باھار بايرىمى تۈسى قوشۇپ، مەدەنىيەتنىڭ جەمئىيەت ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ بىردەكلىكىگە تېخىمۇ تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت بازىرىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ. 

 ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپى گۈللىنىپ راۋاجلاندى، مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىپ، 12 تىرىليون 951 مىليارد 500 مىليون يۈەن تىجارەت كىرىمىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يەنە 5600 مەيداندىن ئارتۇق تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇشنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 120 مەيداندىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى مۇزىكا بايرىمى، ناخشا كېچىلىكى ئىستېمالنىڭ 500 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى؛ ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى، جياڭگو مۇزىكا بايرىمى، مىدى مۇزىكا بايرىمى قاتارلىقلار كىشىلەرنى ئارقا- ئارقىدىن قالتىس ئېسىل سەنئەت كاتتا مەرىكىلىرىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، كۆپچىلىككە ئارقا- ئارقىدىن قىزغىن مەدەنىيەتنى ھېس قىلدۇردى. نومۇرلار كۆپىيىپ، بازار جانلىنىپ، ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ھەم مەدەنىيەت بازىرىغا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭ مەدەنىيەت بازىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەنئەت ئىقتىسادىنىڭ ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. 

 ئىستېمال مەنزىرىسىدە زور كۈچ بىلەن يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ھازىر، شىنجاڭ مەدەنىيەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسىنى يارىتىش جەھەتتە يەنە كۈچنى ئەسلىي ئىجادىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈش، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش، يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سىجىل كۈچەپ، مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بايراملىق ئىقتىساد، كېچىلىك ئىقتىساد، ھېس قىلىش ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئىقتىسادىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش يېڭى يوللىرىنى ئېچىپ، «كاللىنى بېيىتىش» ۋە «يانچۇقنى تولدۇرۇش»قا تەڭ كۈچەش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. 

 مۇلازىمەت، ئىستېمال، تەمىناتنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئىستېمالىدا سۈپەت ھەممىدىن مۇھىم، شۇڭا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا، مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆزگىچە ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈنۈمى، جەلپ قىلىش كۈچى، ئورتاق سادا پەيدا قىلىش ھالىتىنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ، مەدەنىيەت بازىرى مۇلازىمىتىنىڭ ھەم ھارارىتى ھەم سالمىقى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بىر تەرەپتىن، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى موللاشتۇرۇپ، ھەم خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان، ھەم خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرالايدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلەپ، شۇ ئارقىلىق «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش» «سەنئەت ئارقىلىق قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش»نىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى سۈپەت كاپالىتى ۋە قىممەت ئاساسىي مەقسىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. 

 ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. جۇشقۇن مەدەنىيەت بازىرى بەرپا قىلىشتا، كۆپىنچە ھاللاردا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. قاتناش تەشكىللەشنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئەتراپ ئىستېمال مۇلازىمەت كەسىپ ھالىتىنى موللاشتۇرۇپ، پۈتكۈل شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش ۋە قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش − خىزمەتنى ئەمەلىي ئىشلەش، ئىنچىكە ئىشلەش، بالدۇر ئىشلەش ھەم جەلپ قىلىپ، ئالقىشقا ئېرىشىشتىكى مۇھىم تەدبىر، تېخىمۇ مۇھىمى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى. 

 شىنجاڭ مەدەنىيەت بازىرىنىڭ قىزغىنلىققا تولغان، ئىستىقبالى پارلاق بولۇشى خاسلىققا، ئۆزگىچىلىككە ئىگە مەدەنىيەت ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدىن بولدى، بىز بۇ بىرقاتار «ئېھتىياج قىزغىنلىقى» دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق كەسىپنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن «ئېقىننى باشلاپ ئېقىنغا تۈرتكە بولۇپ»، ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى كىرگۈزۈپ، كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ھەم ئۇنى «سىرتقا چىقىرىپ»، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بازىرى بىلەن دۆلەت ئىچى مەدەنىيەت بازىرىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى» دېگەن داڭلىق ماركا ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى بولغان، ھەم خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان، ھەم خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرالايدىغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بازىرىنى «ھەممە گۈللەر رەڭگارەڭ ئېچىلىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125