شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا لىنكولن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا باھار بايرىمىلىق تەبرىك كارتىسى ئەۋەتتى
21:19:08 2024-02-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا لىنكولن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا باھار بايرىمىلىق تەبرىك كارتىسى ئەۋەتىپ، دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، «بەش يىلدا 50 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش- ئۆسمۈر جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشتە بولۇش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلەرگە قاتنىشىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرى، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 يېقىندا، ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتى لىنكولن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار رەئىس شى جىنپىڭ، پىروفېسسور پېڭ لىيۈەن ۋە پۈتۈن جۇڭگو خەلقىگە يېڭى يىللىق تەبرىك كارتىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو خەلقىگە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ باھار بايرىمىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشى، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى! 100دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداش بۇ تەبرىك كارتىسىغا ئىمزا قويغانىدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125