ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات
00:48:12 2024-02-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− 2024- يىل 1- ئاينىڭ 31- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا بېرىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل

1- ئاينىڭ 31- كۈنى، زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:

مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يىغىنغا خىزمىتىمىزدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

ئۆتكەن بىر يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر

2023- يىلى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى باشتىن- ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ يەنە شىنجاڭغا كېلىپ، خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇشنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى يېقىنلىشىپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى مەخسۇس چىقىرىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىش توغرىسىدا تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەتكە ئىگە قىلدى، بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىر يىلدىن بۇيان، كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە جاپالىق، مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۆزلىمە نىشان- ۋەزىپىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا توختىمىدى، تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، ئەمەلىيەت «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

ئۆتكەن بىر يىل ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تۇنجى يىل. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خىزمەت دوكلاتىنى قەرەللىك ئاڭلاپ، چوڭ- چوڭ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى قوللىدى ۋە كاپالەتلەندۈردى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى تېخىمۇ نامايان بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىمىز پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى پۇختا بېكىتىپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆتكەن ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ، كېيىنكى ئىشلارغا ئاساس سېلىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار يۈكلىگەن تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دائىمىي كومىتېتىمىزنىڭ خىزمەتلىرىدە قەدەمنى پۇختا تاشلىدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ 12 نىزامىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدۇق، رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ يەرلىك نىزامى، يەككە نىزامىدىن 31نى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدۇق؛ مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىدىن 21نى ئاڭلاپ ئۆتتۇق ۋە قاراپ چىقتۇق، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈشكە 10 قېتىم تەشكىللىدۇق، 13 قېتىم مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، 3 قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدۇق؛ چوڭ- چوڭ ئىشلار توغرىسىدا 7 قارار چىقاردۇق؛ كادىرلارنى 519 ئادەم قېتىم تەيىنلىدۇق- قالدۇردۇق، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق تاماملىدۇق.

1. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى قەتئىي ئېغىشماي كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكتە يېڭى ئۆرلەش ھاسىل قىلدۇق

دائىمىي كومىتېتىمىز پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە بىرلىكى ئارقىلىق، سىياسىي بىرلىك، ھەرىكەت بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدۇق.

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردۇق. «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش- تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىدىن 18نى تەييارلاپ، 33 مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ ھەمدە تۈزىتىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل- پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. «بىرىنچى قارالما» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 41 قېتىم پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى، 14 قېتىم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى سىجىل ئۆگەندۇق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگەندۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت نەتىجىسىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي ماھارىتىمىزنى پۇختىلىدۇق.

بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بەردۇق. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى نىشانلاپ، ياخشى نىزام چىقىرىپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى قەيەردە بولسا، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى شۇ يەرگىچە ئىشلىدۇق، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رولىنى شۇ يەردە جارى قىلدۇردۇق. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، يوليورۇق سوراش- دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن بىر يىلدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىن 70 قېتىم يوليورۇق سورىدۇق ۋە دوكلات سۇندۇق، پارتىيە كومىتېتى سالغان تەستىقنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇردۇق.

خىزمەت ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇق. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، «يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى مۇھاكىمە قىلىپ چىقىرىپ، بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت پىكىر يولى، نىشانى، ۋەزىپىسىنى سىستېمىلىق پىلانلىدۇق. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ۋە نىزام چىقىرىش، نازارەتچىلىك، ۋەكىللەر، تەربىيەلەش پىلانىنى تۈزۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق.

2. شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئېغىشماي ئالغا سىلجىتىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق

دائىمىي كومىتېتىمىز شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى نىزام ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغدىدۇق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق، ئوبدان ئىدارە قىلىشنى كاپالەتلەندۈردۇق.

نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزدۇق ۋە يولغا قويدۇق. كەڭ كۆلەمدە پىكىر- تەكلىپ ئېلىپ، 126 نىزام چىقىرىش تۈرىنى بېكىتتۇق، بۇ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇ ئارقىلىق بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئاساس ۋە مىزانغا ئىگە قىلدۇق. ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق قۇرۇلتىيى نىزام چىقىرىش خىزمىتى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەشنى سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلدۇق ۋە ئورۇنلاشتۇردۇق.

نۇقتىلىق ساھەلەرگە دائىر نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتتۇق. قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش، قەلبنى مۇجەسسەملەشنى چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق- تەربىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قارارنى چىقاردۇق، ئاممىۋى كۇتۇپخانا نىزامىنى چىقاردۇق، بۇ ئارقىلىق تۈرلۈك تەشۋىق- تەربىيە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملىدۇق. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، ئامېرىكا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىم قىلىشى، جازالىشىغا تاقابىل تۇرۇپ، كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامىنى چىقىرىپ، كارخانا ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىدۇق؛ ئىقتىساد خىزمىتى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارنى چىقاردۇق، ھۆكۈمەت قەرزىنى تەكشۈرۈش- نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارنى ئۆلكە قاتلىمىدا تۇنجى بولۇپ چىقاردۇق، ئۆلچەملەشتۈرۈش نىزامىنى چىقاردۇق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىزامىنى ئۆزگەرتتۇق، بۇ ئارقىلىق تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا، ساغلام يۈرۈشۈشىگە كۈچ قوشتۇق. جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش نىزامى، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش نىزامى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى نىزامىنى چىقاردۇق، دىن ئىشلىرى نىزامىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدۇق، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملىدۇق. ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى چۆرىدەپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش نىزامىنى چىقىرىپ، سۇ قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى (تۈزىتىلمە لايىھە) ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان ئۇل خاراكتېرلىك، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك نىزام. بۇ نىزام قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانسا، مۇقەررەر ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ بىرلىكى تېخىمۇ ياخشى قوغدىلىدۇ.

نىزام چىقىرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈر تۇرغۇزۇش ئۆتكىلى، تەييارلاش ئۆتكىلى، قاراپ چىقىش ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلىدۇق. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنى قاپلىغان ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىدىن 23نى قۇردۇق، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى كۆپ كەسىپ، كۆپ ساھەدىن 60 مۇتەخەسسىسنى تاللاپ تەكلىپ قىلىپ، نىزام چىقىرىش مەسلىھەتچى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇردۇق، ئالىي مەكتەپ ۋە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە تايىنىپ، نىزام چىقىرىش مەسلىھەتچىلىك بازىسىدىن 4نى قۇردۇق، نىزام چىقىرىش بويىچە دەلىللەش، نىزام چىقىرىش بويىچە كېڭىشىش ۋە نىزام چىقىرىش بويىچە باھالاش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، نىزام چىقىرىش ھەققىدە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىپ، نىزام چىقىرىش ئورتاق تونۇشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ھاسىل قىلدۇق. كۇچا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككىنچى «دۆلەت دەرىجىلىك» ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى بولۇپ قالدى. چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان 7 نىزامنى ۋاقتىدا بىكار قىلدۇق. نىزام چىقىرىش بىلەن قانۇن- نىزامنى ئومۇملاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش، نوپۇزلۇق چۈشەندۈرۈشنى ئېلان قىلىش، مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەش ئارقىلىق، يېڭى ئېلان قىلىنغان نىزامنى دائىم تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، نىزام چىقىرىش جەريانىنى قانۇن- نىزامنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىش جەريانىغا ئايلاندۇردۇق.

نىزامنى تەستىقلاشقا يوللاش ۋە ئەنگە ئېلىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق. تەستىقلاشقا يوللايدىغان نىزاملارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، ئالدىن ئارىلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر تۈركۈم نىزامنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ يولغا قويۇش، تولۇقلاش، ئىزدىنىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردۇق. «ھۆججەتلا بولسا جەزمەن ئەنگە ئېلىش، ئەنگە ئېلىنغانلا بولسا جەزمەن تەكشۈرۈش، خاتالىق بولسىلا جەزمەن تۈزىتىش»تە چىڭ تۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەنگە ئېلىش- تەكشۈرۈش خىزمەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن 44نى تەكشۈردۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ نىزام، قائىدە، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەت سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ، 3992 ھۆججەتنى ئامبارلاشتۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت قوزغاتقۇچ ئارقىلىق قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ- قۇۋۋەت بېغىشلىدۇق.

3. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قەتئىي ئېغىشماي قوغداپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىمىزنى نامايان قىلدۇق

دائىمىي كومىتېتىمىز مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدۇق.

ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن- نىزاملارنى يولغا قويۇش، تەشۋىق قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. ئاساسىي قانۇننى تۈپ ھەرىكەت مىزانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى سايلاپ چىققان، تەيىنلىگەن دۆلەت خادىملىرىنى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىشكە قانۇن بويىچە تەشكىللەپ، دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى، ئاساسىي قانۇن ئىدىيەسىنى كۈچەيتتۇق. دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇننى ئەستايىدىل ئومۇملاشتۇرۇشىغا، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى قانۇننى ئۇلۇغلاپ ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشقا يېتەكلىدۇق.

قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا زىچ باغلاپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتۇق. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇنىڭدىن قىلچە چەتنەپ كەتمەي، شەھەر مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق ۋە قاراپ چىقتۇق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مەخسۇس تېمىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىزلاپ نازارەت قىلدۇق. دىققەتنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشى ۋە تارقىلىشى، سىڭىپ كىرىشىنى قانۇن قورالى ئارقىلىق قەتئىي توستۇق. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش مەخسۇس دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ ھەمدە مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە قانۇنچىللىق يولى ئارقىلىق تۈرتكە بولدۇق. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى دوكلاتى قاتارلىق مەخسۇس دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈردۇق.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا زىچ باغلاپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتۇق. تەرەققىياتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىكى مۇھىم ئاساس ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، 14- بەش يىللىق يىرىك پىلان ۋە 2035- يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتى ۋە تەڭشەش لايىھەسىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، قاراپ چىقىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە كۈچ قوشتۇق. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇش، «ئىقتىسادچىللىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش» قاتارلىق تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پىلان خامچوتىنىڭ ئىجراسى، يىللىق نەق چوت قاتارلىقلارغا ئائىت دوكلاتلار ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، نەتىجە- ئۈنۈم بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەربىر مەبلەغنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولدۇق. ھۆكۈمەت قەرزى، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش- نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇدا ئىككى يىل ھۆكۈمەت قەرزىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، تۇنجى قېتىم مەخسۇس دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق ۋە قاراپ چىقتۇق، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش- نازارەت قىلىشنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى چىقاردۇق، ئۇنىۋېرسال دوكلاتنى قاراپ چىقىش ئاساسىدا، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ «ھەميان»ىنى ۋە ئورتاق بايلىقنى ياخشى باشقۇردۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش بىلەن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردۇق ۋە مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، ئېتىز- ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش دوكلاتى قاتارلىق مەخسۇس دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، قاراپ چىقىپ، پاختا كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭ گۆش قويى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق مەخسۇس تېمىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتۇق. جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلىنىۋاتقان تىجارەت- سودا مۇھىتىدىكى ئاغرىق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردۇق، كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پىكىر- تەكلىپلەرنى ئاڭلىدۇق، ھۆكۈمەتنىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش 3 يىللىق ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىناۋەتلىك شىنجاڭ» نام كارتىسىنى تونۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ۋە يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق.

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا زىچ باغلاپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتۇق. تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە ئورتاق قاتنىشىش، ئۇنى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا يېتەكلىدۇق. «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئورتاق ئالدىنى ئېلىش، ئورتاق تۈزەشنى كۈچەيتتۇق. «تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى» قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ يىللىق مۇھىت ئاسراش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش، ئېنېرگىيە تېجەش قاتارلىق مەخسۇس دوكلاتلارنى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش تەپتىشلىكى مەخسۇس دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشىغا تۈرتكە بولدۇق.

خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا زىچ باغلاپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتۇق. تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن قەلب مايىللىقىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، داۋالىنىش كاپالىتى مەخسۇس دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ ھەمدە مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراپ، داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ۋە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇردۇق. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىي قىلىشى ۋە شەھەر- يېزىلاردا بىر گەۋدىلىشىشىنى تېزلىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش 3 يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايدىغان قىلدۇق. مەۋقەنى زور بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە قويۇپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش چارىسى، ئوت مۇداپىئە قانۇنى ۋە ئوت مۇداپىئە نىزامى قاتارلىقلارنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، قانۇنچىللىق «قىزىل سىزىق»ى ئارقىلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى ياخشى ساقلىدۇق.

نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇردۇق. ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتى نەق مەيدان پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى ئېچىپ، كۈچەش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. تېما تاللاش، تەشكىللەپ يولغا قويۇش، دوكلاتنى قاراپ چىقىش، پىكىرلەرنى قايتما ئىنكاس قىلىشتىن ئىزلاپ تۈزىتىشكىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك نازارەتچىلىك خىزمىتى تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق. «قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش + مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش» «خامچوتنى تەكشۈرۈش + تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش» «ئىزلاپ نازارەت قىلىش + ئۈنۈمنى سىجىل سۈرۈشتۈرۈش» قاتارلىق نازارەتچىلىك ئەندىزىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش، شەھەر- يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم نۇقتىلىق مەسىلىلەر، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولدۇق. بولۇپمۇ، داۋالىنىش كاپالىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش ئارقىلىق، ئامبۇلاتورىيە چىقىم چېكىنى تۆۋەنلىتىش، غەملىمە نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى بىر كارتا بىلەن بېجىرىش، ناھىيە ئىچىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق ۋەدىلەرنىڭ نەقلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتۇق.

4. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى قەتئىي ئېغىشماي ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتتۇق

دائىمىي كومىتېتىمىز ۋەكىللەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك بولۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلدۇق.

«ئىككى ئالاقىلىشىش»نى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردۇق. دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەم يولغا قويۇپ، ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت، مەخسۇس كومىتېت خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى كېڭەيتتۇق ۋە چوڭقۇرلاشتۇردۇق، 101 نەپەر ۋەكىلنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ھەمدە 5 قېتىم ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ۋەكىللەرنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدۇق، قوبۇل قىلدۇق. ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىنى قويۇقلاشتۇردۇق، ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى»دىن 5366نى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئارىلاش گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ، پونكىتقا بېرىپ پائالىيەت قىلىشىغا، ئاممىنىڭ پىكىر- تەكلىپىنى ئاڭلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ۋەكىللەرنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشىنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

ۋەكىللەر تەكلىپ- تەۋسىيەسى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەردۇق، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش قائىدىسىنى چىقىرىپ، ۋەكىللەر تەۋسىيەسى خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، ئىلمىيلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. ئۈلگە بولۇپ يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بەردۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بېجىرىشكە باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان 19 تەۋسىيە، دائىمىي كومىتېت بېجىرىشكە نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىشنى بېكىتكەن 15 تەۋسىيەنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، يېزا- بازارلارنىڭ ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولدۇق. بېجىرىشكە تاپشۇرۇش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بەردۇق، دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللەر تەكلىپىنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ۋەكىللەر تەۋسىيەسىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئېچىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش- تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بېجىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى تاپشۇرغان 16 پارچە ۋەكىللەر تەكلىپى، ۋەكىللەر بەرگەن 407 تەۋسىيەنىڭ ھەممىسىنى بېجىرىپ ئاياغلاشتۇردۇق، بۇنىڭ ئىچىدىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق 14 تەكلىپنى نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىغا ياكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تۈرىگە كىرگۈزدۇق.

ۋەكىللەرنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ۋەكىللەر كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، «ئونمىڭلىغان ۋەكىل ئونمىڭلىغان ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ۋەكىللەر كۈتۈۋېلىش كۈنى، خەلق ئەھۋالى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش بازىسىنى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغىچە ئۇزارتىپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ رايى، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئۈستىدە ئىزدەندۇق. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، قانۇن- نىزام، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» تەشۋىق- تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى. جايلارنىڭ ناھىيە، يېزىلاردا خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىش تۈرلىرىدە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاۋاز بېرىش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام نۇسخىسىنى ياراتتۇق.

ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتتۇق. ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللەر خىزمىتى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى ئېچىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈردۇق. ئاپتونوم رايوندىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئۆگىنىش- تەربىيەلەش، قانۇننى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىدىن 28نى تەييارلىدۇق، 150تىن ئارتۇق خىزمەت تەكلىپى بەردۇق. ۋەكىللەرنى تەربىيەلەش كۇرسى، چوڭ دەرسخانىسىدىن 8 قارار ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلىدۇق. ۋەكىللەرنىڭ پائالىيەت خىراجىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللىدۇق.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ- خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى، تۈزۈم خەۋپسىزلىكى، ئىدېئولوگىيە خەۋپسىزلىكىنى ۋە دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، تېخىمۇ گەۋدىلىك رولغا ئىگە. شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيىغا تاپشۇرغان مۇھىم بۇرچ ۋە ۋەزىپە. بىز ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلىپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى»، «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان- ياۋىداق گەپ- سۆز، سەپسەتىلەرنى خالىغانچە تارقىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇردۇق. بىز ھەققانىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي خاس خادىم ئىشخانىسى سىنلىق سۆھبەت يىغىنى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ساداسىنى قەتئىي ياڭرىتىپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قارا چاپلىشى، تۆھمەت قىلىشىغا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتلار بىلەن كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتۇق. بىز قانۇنچىللىقنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كۈرەش تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش پىرىنسىپىنىڭ روھىنى باشتىن- ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى قاتارلىق نىزاملارنى چىقىرىپ، تۈزىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈردۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى دوستلۇق ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي ئافرىقا، سېنېگالدا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئارا جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تەجرىبىسىنى ئالماشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە رولىنى تونۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلدۇق.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر، خەلق قۇرۇلتىيى خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە، ئۇلار خەلقنىڭ سادىق ۋاكالەتچىسى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەن- كەچۈرمىگەنلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەممىدىن ئېنىق بىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھەقتە سۆز قىلىشقا ھەممىدىن بەك ھوقۇقلۇق. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، كۆزنى بوياپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش غەرىزىگە شىنجاڭدىكى 70 مىڭدىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ھەرگىز ئۇنىمايدۇ، شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلق ھەرگىز ئۇنىمايدۇ!

5. «تۆت ئورگان»لىق ئورنىمىزنى قەتئىي ئېغىشماي مەھكەم ئىگىلەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈردۇق

دائىمىي كومىتېتىمىز ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرىدىغان سىياسىي ئورگان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار يۈكلىگەن تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئۈستىگە ئالىدىغان خىزمەت ئورگىنى، باشتىن- ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلايدىغان ۋەكىل ئورگان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل بەرپا قىلدۇق. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىياسەتنى ئىگىلەش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، قانۇنچىللىقنى ئۇلۇغلايدىغان، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىدىغان، تىرىشىپ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى قوشۇنىنى بەرپا قىلدۇق.

مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئاشۇردۇق. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزدۇق، دائىمىي كومىتېتنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ ئىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇردۇق، مەخسۇس كومىتېتنىڭ خىزمەت تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇردۇق، قاراپ چىقىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى خىزمىتى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى ئېچىپ، خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. مۇتەخەسسىسلەرنى يېتەكچىلىك قىلىش، دەرس ئۆتۈشكە قەرەللىك تەكلىپ قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ ھەممىسىنى تەربىيەلەپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈردۇق.

مۇلازىمەت ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات- تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات- تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، «خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىۋېتىش كۈنى»، «ئاساسىي قاتلامغا سەپەر، خەلق قۇرۇلتىيىغا نەزەر» قاتارلىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىدۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەنگە ئېلىش- تەكشۈرۈش سۇپىسى، خامچوتنى تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش سۇپىسى، ۋەكىللەر مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىشقا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەرزىيەت خەت- چېكىدىن، ھال ئېيتىپ كەلگەنلەردىن جەمئىي 536 تۈركۈم (پارچە) قېتىم تاپشۇرۇۋالدۇق، كۈتۈۋالدۇق.

ئالاقىلىشىش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە مەدىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، خىزمەت سەۋىيەمىزنى ئۆستۈردۇق. «ھۆكۈمەت، كومىتېت، ئىككى مەھكىمە» بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدۇق، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدۇق. ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، كەسپىي خىزمەت پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى، ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق قۇرۇلتىيى باش كاتىپلىرى يىغىنى قاتارلىق يىغىنلارنى ئاچتۇق، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، ۋەكىللەر كۆزدىن كەچۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلدۇق.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر، بىر يىلدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېتىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدىن بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدىن بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن، رېۋىزىيە كومىتېتى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ زىچ ماسلاشقانلىقىدىن بولدى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن بولدى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىدىن بولدى. بۇ يەردە مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، يەنە بەزى پەرق ۋە يېتەرسىزلىك ساقلانماقتا. ئاساسلىقى: نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، نۇقتىلىق ساھە، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرگە دائىر نىزام چىقىرىش سالمىقىنى يەنە ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئىزلاپ نازارەت قىلىش، سىجىل نازارەت قىلىشنى يەنە ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ «ئىككى ئالاقىلىشىش» خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش دېگەندەك يېتەرلىك ئەمەس؛ ئۆز قۇرۇلۇشىمىزدا يەنىلا پەرق بار، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى يەنە ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ ۋە باشقىلار. بىز بۇ مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەكىللەر ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز ۋە ياخشىلايمىز.

بۇ يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر

بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، 14- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، شۇنداقلا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. دائىمىي كومىتېت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشۇش.

1. دىققەتنى سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىمىز. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىمىز. قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشتىكى زۆرۈر دەرس ۋە ئاساسىي ماھارەت قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ ئۆگىنىمىز، تولۇق ئۆزلەشتۈرىمىز، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ قائىدە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى قىلىپ، مەركىزىي خىزمەتكە يېقىندىن ئەگىشىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

2. دىققەتنى ياخشى قانۇن ئارقىلىق ئوبدان ئىدارە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىمىز. سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە قانۇنچىللىق كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، خىرىسقا تاقابىل تۇرىدىغان قانۇن ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنچىللىق كاپالىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يەرلىك نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، بولۇپمۇ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازالىشىغا قارىتا، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق كەسپىنى قوغداش نىزامى، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى، شوخلا كەسپىنى يۆلەش نىزامى قاتارلىق نىزاملارنى چىقىرىپ، ئېھتىياجغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ساھەسىگە ئائىت قانۇن «جابدۇق ساندۇقى»نى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى قانۇنچىللىق تىرىكىگە ئىگە قىلىمىز، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. 5 يىللىق نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ئېھتىياجغا قاراپ، پەيتىگە توغرىلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەيمىز. 25 نىزام لايىھەسىنى داۋاملىق قاراپ چىقىشقا ۋە تۇنجى قاراپ چىقىشقا دەسلەپكى قەدەمدە ئورۇنلاشتۇردۇق. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى چۆرىدەپ، زىددىيەت- ماجىرالارنى كۆپ تەرەپتىن تۈگىتىش نىزامى، زەھەر چەكلەش نىزامى، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامىنى چىقىرىمىز، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامىنى تۈزىتىمىز. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى نىزامى، رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى، ئىجتىمائىي ئىناۋەت نىزامى، پورت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى، سۈپەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى، كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ چارلاش- تەكشۈرۈش سېلىنمىسىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسىنى چىقىرىمىز، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى نىزامىنى تۈزىتىمىز. يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئېتىز- ئېرىق سۇچىلىق نىزامى، يېزا تاشيولى نىزامىنى چىقىرىمىز، ئېتىز سولياۋ يوپۇقىنى باشقۇرۇش نىزامىنى تۈزىتىمىز. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، شەھەر- بازار تۇرمۇش ئەخلىتىنى باشقۇرۇش نىزامىنى چىقىرىمىز، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزىتىمىز. خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى نىزامىنى چىقىرىمىز، خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامىنى تۈزىتىمىز. ئەنگە ئېلىش- تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزاملارنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەيمىز.

3. دىققەتنى قانۇن بويىچە بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە زىچ باغلاپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن بىرتۇتاش پايدىلىنىپ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ئىشلەپ، 39 تۈرلۈك نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پىلان، خامچوت ئىجراسى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى قاتارلىق دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتىمىز ۋە قاراپ چىقىمىز، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتلارنى داۋاملىق ئاڭلاپ ئۆتىمىز ۋە قاراپ چىقىمىز، مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتىمىز ۋە قاراپ چىقىمىز، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى قاتارلىقلارنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىزلاپ نازارەت قىلىمىز، «ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش تۈزۈمى ئورنىتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى»نى ئاچىمىز. جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىزامى، ئالىي مائارىپ قانۇنى، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرىمىز. ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى، ئوت مۇداپىئە قانۇنى ۋە ئوت مۇداپىئە نىزامى، مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى قاتارلىقلارنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىزلاپ نازارەت قىلىمىز. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىمىز. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتىمىز ۋە قاراپ چىقىمىز، «تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى» قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىمىز، ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىمىز. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى، مەمۇرىي سوت خىزمىتى، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى دوكلاتى قاتارلىق مەخسۇس دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتىمىز ۋە قاراپ چىقىمىز.

4. دىققەتنى خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز. ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ۋەكىللەرنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايمىز ۋە كاپالەتلەندۈرىمىز. «ئىككى ئالاقىلىشىش»نى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، كېڭەيتىمىز، دائىمىي كومىتېت، مەخسۇس كومىتېتلار، خىزمەت كومىتېتلىرى ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى بېيىتىپ، كېڭەيتىپ، ۋەكىللەر سىرتتىن قاتنىشىش سۆھبەت يىغىنىنى قەرەللىك ئاچىمىز، ۋەكىللەرنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق، خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىشىنى قوللايمىز، ۋەكىللەر ئىنكاس قىلغان خەلق ئاممىسىنىڭ پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. ۋەكىللەر تەكلىپ- تەۋسىيەسى خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز، ۋەكىللەر تەكلىپ- تەۋسىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانلىق خىزمەت مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى ۋەكىللەر تەۋسىيەسىنى بېجىرىشكە باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپ- تەۋسىيەنى ياخشى بېجىرىپ، پۈتكۈزۈش نىسبىتى، رازى بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز. ۋەكىللەر پائالىيىتىنىڭ ۋاسىتىسىنى داۋاملىق بېيىتىمىز، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ۋەكىللەر كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش، ئونمىڭلىغان ۋەكىل ئونمىڭلىغان ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى»نىڭ ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز. ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز، ۋەكىللەرنى مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىنتىزام- ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇشى، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە تولۇق ئادا قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى مەدەت بېرىمىز ۋە يېتەكچىلىك قىلىمىز. شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرىمىز، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىشى، بوھتان چاپلىشىغا قارىتا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق قانۇن چۈشەندۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمىز، «سىرتتىن تەكلىپ قىلىش»، «سىرتقا چىقىش» سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپەت بىلەن، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇملۇقى مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمىز، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش ھېكايىسىنى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمىز.

5. دىققەتنى «تۆت ئورگان»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىمىز. خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى ۋە مەسئۇلىيەت ئورۇن بېكىتمىسىگە زىچ باغلاپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىش، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. يىغىن ئىستىلى، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خەلق رايىنى قوبۇل قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى توپلاش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز. مەخسۇس كومىتېتلار ۋە خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئورگان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىمىز.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر، ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بوشاشماي ئىلگىرىلەش قەتئىيلىكىنى ساقلاپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، فۇنكسىيەلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەرجىمە گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125