جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى
11:04:14 2024-02-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنىغا بېرىلدى

(2024- يىل 1- ئاينىڭ 29- كۈنى)
نۇرلان ئەبىلمەجىن

1- ئاينىڭ 29- كۈنى، نۇرلان ئەبىلمەجىن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرمەكتە.  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ھۆرمەتلىك ئەزالار:

مەن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

1. 2023- يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

2023- يىلى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئابىدىلىك، بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ- خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش توغرىسىدا تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى يېقىنلىشىپ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى سىياسەت- ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى تىنچ- ئىناق بولغان، ئىقتىساد مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتقان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قەرەللىك ئاڭلاپ، مۇھىم ئىشلارنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ، خىزمەت ۋەزىپلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مۇھىم تېمىلارنى سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا ھاۋالە قىلىش، مۇھىم كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى ۋاقتىدا ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھۆكۈمەت پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدىغان، سىياسىي كېڭەش ئەمەلىيەتچىل بولۇپ نەتىجە يارىتىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر پائال ماسلىشىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

2023- يىلى يەنە 13- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قەدەم تاشلاشنى باشلىغان، ئىلگىرىلەش داۋامىدا سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن بىر يىل. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دىققەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، «ئەمەلىي بولۇش»نى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشتۇق.

(1) پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلدۇق، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسەتتۇق.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ زور سىياسىي ۋەزىپە، ئەڭ مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت، ئەڭ تۈپ سىياسىي ئىنتىزام قىلىپ، «بىرىنچى قارالما» تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 29 قېتىم سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى، 22 قېتىم پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىشى، 13 قېتىم رەئىسلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنى ئەسلىي ئەسەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەسلىي تېكىسىتنى پىششىق ئوقۇش، قانۇنىيەتنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدۇق. دائىملىق ئالغا سىلجىتىش- ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى روھىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىغا «قايتا قاراپ چىقىش» خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن يۆنىلىشىمىزنى بىردەك، نىشانىمىزنى بىردەك، قەدىمىمىزنى بىردەك قىلدۇق.

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق سىياسىنى كۈچەيتىش، قوشۇننى يېتەكلەش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتتۇق ۋە پۇختىلىدۇق. سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش، يىللىق كېڭىشىش پىلانى، دېموكراتىك نازارەت قىلىش پىلانى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پىلانى ۋە ئۆگىنىش پىلانىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارغا سىڭدۈردۇق، سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئىش قائىدىسى، مەخسۇس كومىتېتلار شۆبە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، پارتىيەلىك دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرى مەخسۇس كومىتېتلار بىلەن ئالاقىلىشىش، پارتىيەلىك ئەزالار پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە سىردىشىش- سۆھبەتلىشىش، زىيارەت قىلىش- يوقلاش قاتارلىق مېخانىزملارنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، چوڭ- چوڭ كېڭىشىش پائالىيەتلىرىدە ۋاقىتلىق پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق نازارەتچىسى تەسىس قىلىپ، «بەش بىر گەۋدە قىلىنغان»، يۇقىرى- تۆۋەن تۇتاشقان تەشكىلىي سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئىككى تولۇق قاپلاش»نىڭ ئوبرازلىق بولۇشتىن ئۈنۈملۈك بولۇشقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، 47 مۇھىم ئىش، مۇھىم كېڭىشىش نەتىجىسى ۋە مۇھىم خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدا ۋاقتىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىن يوليورۇق سوراپ ۋە دوكلات قىلىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

(2) باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى- سىياسىي ئاساسنى تېخىمۇ پۇختىلىدۇق.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىشتە باشلامچى بولۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يول ئېچىش، ئەمەلىي ئىشلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە يېقىنلىشىپ، ئەزالار كىتاب ئوقۇش كۇرسى ۋە «شەبنەم مۇنبىرى»دىن 23 مەيدان ئۆتكۈزۈپ، «20- قۇرۇلتايغا ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش»كە دائىر مۇھاكىمە- پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە «ئەڭ گۈزەل كىتاب ئوقۇش ئاۋازىنى ئىزدەش» قىسقا سىن توپلاش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىلنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىش قاتارلىق 28 نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى بېكىتىپ، 174 مەسىلىنى بايقاپ، 213 پارچە تەدبىر، تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشىغا ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلدۇق.

مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، ئەمەلىيەت يۆنىلىشىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، 16 تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنى بېكىتىپ، مەنبەدىن تۈزىتىش، سىستېمىلىق تۈزىتىش، ئاشكارا تۈزىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 61 تۈرلۈك ياخشىلاش تەدبىرىنىڭ ھەممىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزەش نەتىجىلىرىنى سىجىل پۇختىلىدۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئوقۇش، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئولتۇراقلىشىش قاتارلىق 27 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى چىڭ كۆزلەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋۇجۇدقا چىقمىغان ئىشلارنى كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشى غېمىنى تۈگىتىپ، ئاممىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردۇق.

يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، تېما ئېلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش، قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىشقا بىر يۆنىلىشتە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىستېما تەپەككۇرى تۇرغۇزۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەرلىك، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشلەر بىلەن ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم تېمىلاردا ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئوخشاش مەسىلىلەرگە ئورتاق جاۋاب بەردۇق. «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش»كە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «تەشۋىقات، لېكسىيە، تەشۋىق- تەربىيە خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تۈزۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تەشكىللەپ 21 مىڭ مەيدان قېتىم تەشۋىقات، لېكسىيە، تەشۋىق- تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، بۇ، 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىنى قاپلىدى. «دەرھال تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلغان، نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئەھۋالنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش يىغىنى خىزمەت چارىسى قاتارلىق تۈزۈم، مېخانىزمدىن 26نى تۈزۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە چوڭقۇرلاشتۇردۇق.

(3) مەركىزىي ھالقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئورتاق تونۇش ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنى تېخىمۇ نامايان قىلدۇق.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، مۇھىم بازىنى مۇستەھكەملەپ، مۇھىم سۇپىنى پۇختىلاپ، مۇھىم يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئاكتىپ كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىدۇق.

دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» مەخسۇس تېمىسىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى قارار»نى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، كۆپ خىل شەكىللىك، ياقتۇرىدىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتىتپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بېرىش- كېلىش قىلىش، ناخشا- مۇزىكا ئورۇنلاش، جەم بولۇش- مۇڭدىشىش داۋامىدا چوڭقۇر ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە قېرىنداش بولۇپ يېقىن ئۆتۈشى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشى، بىر- بىرىدىن زوقلىنىشى، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق. ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش قاتارلىقلارغا دائىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ ياخشى تارقاتقۇچىسى، ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسى، تۈرتكۈچىسى بولۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملىدۇق.

دۆلەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئائىت ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون ئىكەنلىكى، يۇغۇرۇلۇپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، دىن مەدەنىيىتى مىراسلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغداش، دىن خىزمىتىدىكى «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارغا دائىر ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش- مۇھاكىمە قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا قانۇنلۇقلىرىنى قوغداپ، قانۇنسىزلىرىنى توسۇپ، ئەسەبىيلىكنى چەكلەپ، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىپ، دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنى «قوش يۆنىلىشلىك كىرىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار سۆھبەت يىغىنى، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىغا ساغلام ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دىننى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلىدۇق.

قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت توپلاشقان رايون ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتى پارلاق مەدەنىيلىكىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىشقا، «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا ۋە چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى پىلانلاشقا پائال قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، مۇقام، ماناس، جاڭغىر قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداش ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشتۇق. «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ئامىل بەلگىسىنى قېزىش» بويىچە ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتتۇق. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگودىكى تۇنجى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا دائىر زىيارەت- خاتىرە تۈرىدىكى پىروگراممىنى كىرگۈزدۇق، سۈرەتكە ئالغان «يالغۇز ئاتلىق يىراققا سەپەر قىلىش − مىراسلاردىكى جۇڭگو»، «كارىز»، «شىنجاڭدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارلىق ھۆججەتلىك فىلىملەر دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلدى، سىننىڭ قويۇلۇش مىقدارى 850 مىليون قېتىم، پىروگراممىغا دائىر تېمىلارنىڭ كۆرۈلۈش مىقدارى 4 مىليارد 900 مىليون قېتىم بولدى. ئەزالارنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدۇق، ئەزا ليۇ لياڭچىڭنىڭ ئەسىرى شەرەپ بىلەن ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ليۇ يۈەن قاتارلىق كۆپ ئەزانىڭ ئەسەرلىرى شەرەپ بىلەن «تىيانشان ئەدەبىيات- سەنئەت مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئاكادېمىيەسى بىلەن بىرلىكتە مىڭئۆي تام رەسىملىرىنى ئاقىل ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكا تەتقىقاتىنى دەلىللەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مىڭئۆي تام رەسىملىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ قوغداش تېخنىكىسىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. نۇقتىلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كۈچ قوشتۇق. ئەزا مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىماكان بويىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدۇق. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ساھەسىدىكى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەۋاسى مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى ئاچتۇق. «خاس مۇزېي قۇرۇلۇشى» بويىچە كېڭىشىش نەتىجىلىرىگە سىجىل يېقىندىن ئەگىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىش تومۇرىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق.

بۈيۈك ئىتتىپاقلىشىش، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ بىرلىك سەپ تەشكىلاتىلىق فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ ئۆز پارتىيە- گۇرۇھى نامىدا سىياسىي كېڭەشتە پىكىر بايان قىلىشى، تەكلىپ بېرىشى قاتارلىقلاردا مېخانىزم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردۇق، كېڭىشىش پائالىيەتلىرىنى بىرلىكتە ئۈستىمىزگە ئېلىپ ئۆتكۈزدۇق. دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ساھەسىدىكىلەر ۋە ئەزالارنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلىرى، چوڭ يىغىندا سۆز قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈردۇق، ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، تەكلىپتىن 283 پارچە، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئۇچۇردىن 300 نەچچە پارچە تاپشۇردى. شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشىنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى داڭلىق ماركىسىنى كۆڭۈل قويۇپ يارىتىپ، «ئۈچ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، بىر شەھەر» سىياسىي كېڭىشىنىڭ شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە تاشقى ئىشلار خىزمىتى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تۇنجى قېتىم ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدۇق؛ شىنجاڭغا ئالاقىدار چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، خۇايى يېڭى بىر ئەۋلادلىرى جۇڭگو تىل- يېزىقى مائارىپى ئەھۋالىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدا ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولۇپ، چياۋمىنلارنىڭ قەلبىنى، چياۋمىنلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملىدۇق. مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، بىرلەشمە دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئۆمەك تەشكىللەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرگە بېرىپ دوستلۇق ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، ئوبرازنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي شىنجاڭنى توغرا تونۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. شياڭگاڭ- ئاۋمېن رايونلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىق كۆۋرۈكىنى سالدۇق.

(4) كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇلازىمەت قىلىشتا تېخىمۇ ياخشى نەتىجە ياراتتۇق.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ساھەلەردىكى ئەزالار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەش- چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق تېمىلار توغرىسىدا مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق. كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەت قىلىش ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ سىجىل كۈچەپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈردۇق. نىزام چىقىرىشقا دائىر كېڭىشىشنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش نىزامى» قاتارلىق نىزام لايىھەلىرىگە نىزام چىقىرىش تەكلىپى بېرىپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىشقا كۈچ قوشتۇق.

قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئامېرىكا ئويدۇرۇپ چىققان ئاتالمىش «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» قاتارلىق شىنجاڭغا ئالاقىدار رەزىل قانۇن لايىھەلىرىگە قارىتا كەسكىن بايانات ئېلان قىلدۇق، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار قاتتىق غەزەپلىنىپ، قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش، شىنجاڭغا خالىغانچە بوھتان چاپلاش، ئاساسسىز ئەيىبلەشنى قاتتىق سۆكۈپ، پاكىت، ئەينەن ئەھۋال ئارقىلىق يالغان- ياۋىداق سۆز، بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېچىپ تاشلاپ، ئېنىق ۋە جانلىق مىساللار ئارقىلىق شىنجاڭدىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى نامايان قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» مەخسۇس تېمىسىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ياۋروپا- ئاسىيا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بىرلىكتە بەرپا قىلدۇق، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچنى مۇجەسسەملىدۇق. «ماكرولۇق ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش سۆھبەت يىغىنى» قاتارلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داڭلىق ماركىسىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەزالارنى ئىقتىسادقا نەزەر سېلىش، ئىقتىسادنى مۇھاكىمە قىلىش، ياخشى چارە- تەدبىر كۆرسىتىشكە تەشكىللەپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا دائىر 22 تۈرلۈك تەدبىر، تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردۇق. ئىككى قېتىملىق «شىنجاڭ كارخانىلىرى − رەئىسلەر يۈزتۇرا سۆزلىشىش» بويىچە كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ ئۆتكۈزۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى ۋە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا چارە- تەدبىر كۆرسەتتۇق، رەتلەپ چىقىلغان 14 تۈردىكى 192 پارچە پىكىر- تەكلىپنى ئالاقىدار تارماقلار پۇختا ئالغا سىلجىتتى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. دىققەتنى «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە»نىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، پاكىز ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېشىل كانچىلىق كەسپىنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش- كۆزدىن كەچۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلاشقا كۈچ قوشتۇق.

خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئەزالارنىڭ «خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش» پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئەزالارنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، زامانىۋى بېلىقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋى چارۋىچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر كېڭىشىشكە تەشكىللەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئىلگىرى سۈردۇق. زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگونىڭ ئات بەيگىسى مۇسابىقە ئىشلىرى سىستېمىسى ئۈستىدە چوڭقۇر كېڭەشتۇق. «ئاقىل سۇ- ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇش» بويىچە مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. «ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن يۇقىرى، ئەلا سۈپەتلىك ھوسۇل ئېلىش بويىچە بەرپا قىلىش»نى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، زىچ، پاكار ئۆستۈرۈپ، بالدۇر پىشۇرۇش تېخنىكىسىنى ئاشلىق زىرائەتلىرىدە كەڭ قوللىنىپ، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ساغلاملىقى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سومكىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر كېڭىشىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش نەتىجىلىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت، ھۆججىتىگە ئايلاندۇردۇق.

(5) يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ پۇختىلىدۇق.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىملىق خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق. تەكلىپ «ئاز ھەم ساز بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، 898 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىپ، 624 پارچە تەكلىپنى ئەنگە ئېلىپ، بېجىرىش، جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدۇق؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلىرى نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىش» بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داڭلىق ماركىسىنى كۆڭۈل قويۇپ يارىتىپ، 15 نۇقتىلىق تەكلىپنىڭ ھەممىسىنى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەكلىپ خىزمىتىدە «ئۈچ ئۆزگىرىش» ۋە «بىر ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق. يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت- تارىخ ماتېرىياللىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت- تارىخ ماتېرىياللىرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خاتىرىسى» «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- تارىخ ماتېرىياللىرىدىن سەرخىل تاللانما (2- قىسىم)»نى نەشر قىلدۇق. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى ساقلاپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ «تور، گېزىت، ژۇرنال»لىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش سېپى بەرپا قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى سىجىل ئاشۇردۇق. سىياسىي كېڭەشنىڭ نەزەرىيە تەتقىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ نۇقتىلىق تېما تەتقىقات ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىپ ھەم تاماملاپ، نەزەرىيە تەتقىقاتى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە كۈچ قوشتۇق. جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئۇچۇر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، يەرنى ئوبوروت قىلىپ ئاشلىق تېرىشتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئەزالار كۆرسەتكەن 38 چارە- تەدبىرنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قوبۇل قىلدى.

سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا قارىتىلغان ئۆگىنىش- تەربىيەلەش بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئەزالار ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەشنى پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاساسلىق كۇرسلىرىغا كىرگۈزۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش كادىرلارنى تەربىيەلەش مەركىزى، مەركىزىي كومىتېت سوتسىيالىزم شۆيۈەنى، جېجياڭ داشۆ، شيامېن داشۆ قاتارلىق مەكتەپلەرگە تايىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش ئوقۇتقۇچىلار كۈچى، تەكلىپ كەسپى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدىن 10 قارار ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تەربىيەلەشنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئىنتىزام چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى بويىچە 3 كىشىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلدۇق. سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللىدۇق. سىياسىي كېڭەش ئورگىنى كادىرلىرىنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق.

ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشلىرى بىلەن بولغان خىزمەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك، ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك سىياسىي كېڭەشلەر ۋە بىڭتۇەنگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارغا يېتەكچلىك قىلىش خىزمەت چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم داڭلىق ماركىلارنى بىرلىكتە يارىتىش، چوڭ- چوڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇش، نۇقتىلىق تەربىيەلەشنى بىرلىكتە تەشكىللەش، ئالاقىدار قارالمىلارنى ھەمتۈرتكە بولۇپ كېڭىشىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، شەھەرلىك، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ «ئىككى ئاجىز» بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى ئالماشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ ئەزالار خىزمەت پونكىتى، مەسلىھەتلىشىش- كېڭىشىش ئىشخانىسى، جەمئىيەت ئەھۋالى- خەلق رايى ئالاقە نۇقتىسىدىن 1966نى قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىشىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىشى، ئامما ئارىسىغا سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ «بىلىكى»نى ئۈنۈملۈك ئۇزارتتۇق.

ھۆرمەتلىك ئەزالار، بىز بىر يىلدىن بۇيان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، كېڭىشىش- سۆھبەتلىشىش قاتارلىق پائالىيەتتىن 86 قېتىم قانات يايدۇردۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق، ئۇلار مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىن ئىبارەت بۇ كېڭىشىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش» تېمىسىدا چوڭ يىغىندا سۆز قىلدى، «ئەزالار يولى»دا «ئانار جىلۋىسى» تېمىسىدا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ھېكايىسىنى بايان قىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرىدا 147 قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلىپ، پۈتۈن بىر يىلدا 94 پارچە تەكلىپ تاپشۇردى، ئوتتۇرىغا قويغان مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى ۋە مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى پائال قوبۇل قىلدى. قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» تۆتىنچى يولىنى قۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا ماس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردۇق، ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپىگە ئايلاندى. غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش بويىچە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىش چوڭ يولى، يېشىل ئېلېكتىر كارىدورى ۋە غەربىي شىمال يېشىل ئېلېكتىر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش توغرىسىدا كېڭىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

ھۆرمەتلىك ئەزالار، ئۆتكەن بىر يىلدىكى نەتىجىلەرنى تەستە قولغا كەلتۈردۇق، بۇ، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدىن بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇ، ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ قىزغىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ پائال قاتناشقانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولدى، بۇنىڭغا ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، يۈرەك قېنى ۋە تەرى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ يەردە مەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

ھۆرمەتلىك ئەزالار، بىز خىزمەتلەردە ساقلىنىۋاتقان كەمتۈكلۈكلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك، ئاساسلىقى: مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش قاتارلىق فۇنكسىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە، ئەزالارنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، قاتارلىقلار. بۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئەستايىدىل ياخشىلىشىمىز زۆرۈر.

2. 2024- يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر

2024- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بۇ يىللىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ زور سىياسىينى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش تەلىپىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە يۇقىرى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى كەيپىيات يارىتىمىز، يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىمىز.

(1) پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. باشتىن- ئاخىر قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، «بىرىنچى قارالما» تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يېتەكچىلىكىدىكى ئۆگىنىش تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇمىيلىقىغا قويۇپ ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ياراتقان سىياسىي مەدەنىيلىككە ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ چۈشىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتكە قويۇپ تونۇپ، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا توغرا يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشقا، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش داۋامىدا بۇرچ، مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش داۋامىدا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاشقا يېتەكلەيمىز. ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ قىلىپ، يادروغا سادىق بولۇشنى ئەڭ روشەن سىياسىي ئاساسىي رەڭ قىلىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمىز.

(2) يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز. باشتىن- ئاخىر دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە- مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، «بىرگە تەگسە ھەممىگە تەسىر قىلىش» مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى كېڭىشىپ، جەرياننى تەتقىق قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ئورۇننى نازارەت قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىرلەرنى تولۇق ئىپادىلەش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئومۇمىي ۋەزىيەتكە تېخىمۇ ياخشى يېقىنلىشىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇشنى ھەقىقىي، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى ئارقىلىق كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغدايمىز. ئىجابىي تەشۋىقاتتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ بوھتان چاپلىشى، قارا چاپلىشىغا ۋە شىنجاڭغا ئالاقىدار «جازالىشى»غا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئەزالارنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئاممىۋى پىكىر، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق گەپ- سۆزلەرگە قاراتمىلىق ھالدا رەددىيە بېرىشكە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىمىز. تەرەققىياتنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تايانچ قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەدە ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، جەنۇبىي شىنجاڭ «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا كۈچ قوشىمىز. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭىشىشنى مۇھىم قارالما قىلىپ، خەلق ئەھۋالىنى ھېسسىيات بىلەن تەكشۈرۈپ، خەلقنىڭ غېمىنى ئەقىل- پاراسەتكە تايىنىپ تۈگىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، سىياسىي كېڭەشنىڭ باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

(3) جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەيمىز. باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش- بولماسلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىجادىي كېڭەيتىش، شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيىتىنىڭ گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپى ۋە ئۇنى ئۆگىنىش، قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئۇللۇق خىزمەتلەرنى چىڭ كۆزلەپ، پائال چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۈن- تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ئارىلىشىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات- ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىمىز. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالاقە تورى دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دەل جايىدا چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەردىكى جەمئىيەت ئىناقلىقىغا، دەۋر تەرەققىياتىغا، ساغلام مەدەنىيلىككە پايدىلىق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر قېزىشىنى قوللاپ، دىننىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيلىكى بىلەن يۇغۇرۇلۇشى، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىل بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش، تارقىتىشقا پائال قاتنىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي پاكىت، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇم، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت ئورتاق ئىگە بولغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى ۋە ئوبرازىنى قېزىپ ۋە تاۋلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گېنى ۋە تومۇرى مۇجەسسەملەنگەن، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كەڭ تۇپراققا تارقالغان تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جانلاندۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەيمىز. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىگە دائىر سىياسەت- تەدبىر، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش شەكلىدىكى تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا سىجىل يېقىندىن ئەگىشىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كىچىك ئېقىنلىرىنى مۇجەسسەملەپ دەرياغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى شىنجاڭ تۇپرىقىدا مۇستەھكەملەيمىز.

(4) ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى ئىجادىي، ياخشى ئىشلەيمىز. كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش، كۈچنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى باشتىن- ئاخىر چىڭ كۆزلەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئۈستىمىزگە ئالىمىز. مۇجەسسەملەش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، ئاسىيا كىندىكى گېزىتى، ئەزالار مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سۇپىسى قاتارلىق تەشۋىقات بازىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «شەبنەم مۇنبىرى»، ئەزالار دەرسخانىسى، «كىتاب ھىدىغا تولغان سىياسىي كېڭەش» قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ئوچۇق ھەم جانلىق، تېخىمۇ تەسىرلىك شەكىلدە ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىمىز. يېتەكلەش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»دىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى مەھكەم ئىگىلەپ، «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ «ئەڭگۈشتەر»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئەزالار ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» «تەشۋىقات، لېكسىيە، تەشۋىق- تەربىيە» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغانلىقىدىن ئىبارەت جانلىق ئەمەلىيىتىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بارلىققا كەلگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياخشى نامايان قىلىمىز. مۇجەسسەملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەزالار خىزمەت پونكىتى (ئىشخانىسى)نىڭ فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالارنى تەشكىللەش، ئەزالارنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمەت زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەزالارغا يۈزلىنىپ ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئورتاق تونۇشنى تارقىتىپ، مەملىكەت ئىچى- سىرتىغا يۈزلىنىپ، جۇڭگو ھېكايىسى ۋە شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز؛ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ رايونى بىلەن ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىشىش- ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى خۇارېن- خۇاچياۋلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، بىرلەشمە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇھىم يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئەقىل- پاراسەتنى سىياسىي كېڭەشتە نامايان قىلىپ، كۈچنى سىياسىي كېڭەشتە مۇجەسسەملەپ، سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئىناق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە ئورتاق كۈچ چىقىرىمىز.

(5) «ئىككى قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى كادىرلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» سىياسىي ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىنى تەكىتلەش، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش» مۇھىم تەلىپىنى «ئىككى قوشۇن» قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىش، كەسپىي مەشىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پىلانلاش ئىقتىدارى، ئىلگىرى سۈرۈش قابىلىيىتى، كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، سۆز- ھەرىكەتتە قائىدىگە رىئايە قىلىش، كېڭىشىشتە سەۋىيەنى نامايان قىلىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە تەسىر كۈچى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. «تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ، ئىنتايىن سەرخىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى مەقسەت بىلەن ياردەم قىلىپ، ئىنتايىن مۇكەممەللىككە يەتكۈزۈش»نى نىشان قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باشتىن- ئاخىر بىرىنچى سەپتە بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەركىزىي خىزمەتكە، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا سىياسىي كېڭەش تۆھپىسىنى يارىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، «ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۇيۇشتۇرۇش» سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئالىمىز. «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، يېڭى ئىستىل تىكلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا ئۇزاققىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساقلايمىز.

ھۆرمەتلىك ئەزالار، يۈكسەك بۇرچ بىزنى يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە چاقىرماقتا، گۈزەل ئىستىقبال بىزنى داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!

(تەرجىمىسىنى سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەرجىمە گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125