خوۋ خۇي
جياچېن يىلى يېتىپ كەلدى، ئەجدىھا كۆكتە پەرۋاز قىلىپ بەخت- سائادەتتىن دېرەك بەردى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مول، رەڭدار مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمى كەيپىياتىنى قاينام- تاشقىنلىققا، شاد- خۇراملىققا چۆمدۈرۈپلا قالماي، يەنە ھەر مىللەت ئاممىغا باھار بايرىمىلىق كاتتا مەدەنىيەت ئوزۇقى تەقدىم قىلىپ، كىشىلەرنى ناخشا- ئۇسسۇللارنى تاماشا قىلىش، خەلق ئۆرپ- ئادىتىدىن بەھرىلىنىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش داۋامىدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە قۇچاق ئېچىپ، مول مەنىۋى ئوزۇقنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
باھار بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 708 تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيىتى، 945 تۈرلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى، 346 تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، 100 مەيداندىن ئارتۇق ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى كەينى- كەينىدىن قويۇلدى. قومۇل باركۆلنىڭ شىنجاڭ ئەلنەغمىسى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردىكى چاۋشەن يىڭگې ئۇسسۇلى، باغراش كۆلى بويىدىكى ساۋۇردىڭ ئۇسسۇلى، نىيە ناھىيەسى كوچىلىرىدىكى كوچا ئويۇنى قويۇش ھەمدە ھەرقايسى جايلاردىكى داڭقى چىققان كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى... خەلق ئۆرپ- ئادىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، دۆلەت مودا ئېقىمى ئويۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى مول، كۆپ خىل، قالتىس بولدى. قىزغىنلىققا تولغان باھار بايرىمى كەيپىياتى ئىچىدە، كىشىلەر شاد- خۇراملىققا چۆمدى، بايرام كەيپىياتىدىن ھۇزۇرلاندى، ئۇلۇغ دەۋرگە مەدھىيە ئوقۇدى، سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىزگە بەخت تىلىدى.
باھار بايرىمى مول مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە قىممەت قارىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدىغان، مىللەت روھىنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم پەيت. كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە جۇشقۇن جاسارەتتىن ئىبارەت جۇڭگو ئەجدىھاسىغا مۇجەسسەملەنگەن گۈزەل روھ كىشىلەرگە ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى بېغىشلىدى. باھار بايرىمى كەيپىياتى قويۇق بولغان تۈرلۈك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىنى نامايان قىلىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەنىۋى ئىچكى يادرو خۇشال، ئىناق بايرام كەيپىياتىغا يىغىنچاقلىنىپ، رەڭگارەڭ ئەنئەنىۋى باھار بايرىمى ئۆرپ- ئادەتلىرىدە نامايان قىلىنىپ، ئورتاق مەدەنىيەت ئەسلىمىسى ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشقا ئايلاندى، ئۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرىدىغان، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىدىغان «ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى».
مەدەنىيەت كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان مەنىۋى رىشتە. جياچېن ئەجدىھا يىلىغا قەدەم تاشلىغاندا، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئېلىپ، جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتتۇق، بۇ، مۇقەررەر ھالدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)