شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ سىتۇبنىڭ فىنلاندىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
18:51:11 2024-02-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئالېكساندىر سىتۇبقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو − فىنلاندىيە مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇردى ھەم ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو − فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سىتۇب بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو − فىنلاندىيە دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125