قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| مومامنىڭ مۇھەببىتىنىڭ تەمىنى سېغىندىم
16:22:10 2024-02-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شۈ شىخەن 

 مەن سۈت پاراشوكى ئىچىشنى ياخشى كۆرىمەن، ھەر قېتىم ئىچكەندىكى تەم ئوخشىمايدىغاندەك بىلىنىدۇ. مومام دەملىگەن سۈت پاراشوكىنىڭ تەمى ئىزچىل ئېسىمدە، ئۇ مومامنىڭ ماڭا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئىدى.

 كىچىك ۋاقتىمدا يەسلىدىن ئۆيگە قايتقىنىمدا، چوقۇم بىر ئىستاكان سۈت پاراشوكى ئىچەتتىم. بىر كۈنى ئۆيدىكى سۈت پاراشوكىنىڭ قۇتىسى قۇرۇقدىلىپ قاپتۇ، سۈت پاراشوكى ئىچىشكە بولغان نەپسىم تاقىلداپ يەنە گېلىم قىچىشتى. مومام ئوڭايسىزلانغان ھالدا: «خەنخەن، بولمىسا بۈگۈن ئىچمەي تۇرامدۇق؟» دەپ سورىدى. مەن دەرھال كۈلكەمنى يىغىشتۇرۇپ، قاپىقىمنى تۈرۈپ: «ياق! مەن سۈت پاراشوكى ئىچىمەن، ھازىرلا!» دېدىم. مومام سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلدى، مەن ھېچنېمىگە قارىماي: «مەن ئىچىمەن! ئىچىمەن!» دەپ ۋارقىرىدىم.  گېپىمنى تۈگىتىپ، ئاغزىمنى ئۈمچەيتىپ، يىغلاپ غەلۋە قىلىشقا تەييارلاندىم. مومام ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ قويۇپ، سۈت پاراشوكى قۇتىسىنى قۇتىنىڭ تېگى تېشىلىپ كېتەي دېگۈچە نەچچە مىڭ قېتىم قىرىپ،  مىڭ تەسلىكتە يېرىم قوشۇق قىرىپ ئېلىپ، دەملەپ ئالدىمغا ئېلىپ كەلدى. مەن ئىستاكاننى قولۇمغا ئېلىپ، بىراقلا ئىچىۋەتتىم، شۇندىلا يىغام كۈلكىگە ئۆزگەردى.

 سۈت پاراشوكى ئىچىش مېنىڭ مومامنىڭ ئۆيىدىكى ئادىتىم بولۇپ قالدى. كېيىن، بىز ئۆي كۆچتۇق، مومام بىلەن بىللە تۇرمايدىغان بولدۇق، سۈت پاراشوكى ئىچىش ئادىتىممۇ ئاستا- ئاستا سۇسلاشتى. لېكىن، مومام مېنىڭ ئادىتىمنى ئىزچىل ئېسىدە ساقلاپ كەلدى. ھەر قېتىم ئۇنى يوقلاپ بارغىنىمدا، ئۇ ماڭا بىر چىنە دەملەپ بېرەتتى. ھەر قېتىم مېنىڭ سۈت پاراشوكى ئىچكىنىمنى كۆرگەندە، مومامنىڭ چىرايىدا رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلىنەتتى. غەلىتە ئىش، مەنمۇ مومامنىڭ ئۆيىدىكى سۈت پاراشوكىنى بەك تەملىك ھېس قىلاتتىم.  

 بۇلتۇر دۇەنۋۇ بايرىمىدا، بىز مومامنى كۆرگىلى باردۇق، ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ سىرتقا چىقماقچى بولۇپ تۇرۇپتىكەن. ئۇ بىزنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا: «دەرستىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولماي تۇرۇپلا، نېمىشقا كەلدىڭلار؟» دەپ سورىدى. مەن بىر قەدەم ئالدىغا ئۆتۈپ جاۋاب بېرىپ: «بۈگۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بەردى، دەرس ئۆتۈلمەيدۇ! موما، سىرتقا چىقامتىڭىز؟» دېدىم. 

 «ئۆيدە سۈت پاراشوكى قالماپتۇ، مەن سىزگە ئېلىپ قويغىلى چىقاي دەپ تۇراتتىم!» 

 بۇنى ئاڭلاپ، بىز ھەيران قالدۇق. ئاپام: «ئاپا، بەك يىراق ئىكەن، بۈگۈن بەك كەچ بولۇپ كەتتى، بارماڭ» دەپ نەسىھەت قىلدى. داداممۇ: «ئاپا، بىز بايا كەچلىك تاماق يەپ بولدۇق، خەنخەن سۈت پاراشوكى ئىچمىسىمۇ ھېچقىسى يوق، كېلەر قېتىم ئىچسۇن!» دېدى. 

 مەيلى بىز قانداق نەسىھەت قىلايلى، مومام يەنىلا جاھىللىق بىلەن بېرىپ سېتىۋالماقچى بولدى، ئۇ پەلەمپەينىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن پەسكە قاراپ ماڭدى، ھەر بىر قەدەمنى ئېلىشتا قىينىلىۋاتقاندەك ئىدى. قاچاندىن باشلاپكىن، مومامنىڭ قەدىمى ئاستىلاپ، دۈمچىيىپ قالغان ئىدى. شۇ تاپتا مەن ئۆزۈمنىڭ سۈت پاراشوكى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادىتىم بارلىقىدىن پۇشايمان قىلماقتا ئىدىم. 

 دادام بۇنى كۆرۈپ، دەرھال ئاپتوموبىل ھەيدەپ مومامنى سۈت پاراشوكى ئالغىلى ئاپاردى.

  مومام ئاپتوموبىلدا بېشى قېيىشنىڭ ئازابىغا قارىماي، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ بىرىنچى بولۇپ ماڭا سۈت پاراشوكى دەملەپ بەردى. ئاپام تالىشىپ بېرىپ ياردەم قىلماقچى بولىۋېدى، مومام قولىنى پۇلاڭلىتىپ: «مەن قىلاي، خەنخەن مەن دەملىگەن سۈت پاراشوكىنى ئىچىشكە كۆنۈپ قالغان» دېدى. 

 مومامنىڭ ئاپتوموبىلدا بېشى قايىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەگەر بۈگۈن ئالدىرىمىغان بولسا، ئۇ چوقۇم ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشنى خالىمايتتى، لېكىن مەن ئۈچۈن، ئۇ ... مومامنىڭ سۈت پاراشوكىنى ئەستايىدىل دەملىگىنىنى كۆرۈپ، بۇرنۇم ئېچىشىپ كەتتى. مەن ئاز- ئازدىن ئىچتىم، مومامنىڭ مېھرىبان كۈلكىسىگە قاراپ، بۈگۈنكى سۈت پاراشوكىنىڭ ناھايىتى تاتلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

 «خەنخەن، موماڭنى كۆرگىلى بارامدۇق؟» مەن ھاياجانلانغان ھالدا ماقۇل بولدۇم، چۈنكى مەن مومام دەملىگەن سۈت پاراشوكىنىڭ تەمىنى سېغىندىم، مومامنىڭ مۇھەببىتىنىڭ تەمىنى تېخىمۇ سېغىندىم.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۇي شەھىرى ليەندۇ رايونلۇق شۈيدۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125