شى جىنپىڭ 37- نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
23:22:34 2024-02-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شى جىنپىڭ 37- نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگرامما ئەۋەتىپ 37- نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا دەل 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا، جۇڭگو ۋە ئافرىقا ۋەكىللىكىدىكى ‹‹يەرشارىنىڭ جەنۇبى›› جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى بىرلىكتە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىر گەۋدىلىشىش ۋە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ئافرىقا ئىتتىپاقى 20 دۆلەت گۇرۇھىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىشىپ، ئافرىقىنىڭ يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز ھوقۇقىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. جۇڭگو تەرەپ بۇنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلەيدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ مۇناسىۋىتى سىجىل چوڭقۇر راۋاجلاندى، جۇڭگو- ئافرىقا رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى، ئىككى تەرەپ ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئۆزئارا قوللاپ، تەرەققىيات ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ياخشى مۇھىت يارىتىشنى قارار قىلدى. 2024- يىلى جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلىدۇ، مەن ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى كۆزلەپ، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىقى يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125