«تۇنجى كۈن»دىن باشلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنايلى!
جاڭ بېي
شەھەرلەردىكى چوڭ- كىچىك كوچىلاردا ئاپتوموبىللار ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ تۇراتتى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى زالى ئالدىراش ھەم تەرتىپلىك ئىدى... باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن كېيىن ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى سەپلەر «جۇشقۇن» قىياپەتتە غەيرەت، شىجائەتكە تولغان جياچېن ئەجدىھا يىلىنى باشلىدى، كۆتۈرەڭگۈ روھ تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئۆركەشلەپ مەۋج ئۇردى.
بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ باھار بىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى كۈتۈۋالغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ ئىدىيەدىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا چىڭ تۇتىدىغان پايدىلىق پۇرسەت؛ شۇنداقلا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش، ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشتىكى تەخىرسىز سۈرئەتنىڭ گۇۋاھچىسى.
ھەربىر كۈن يېپيېڭى، شۇنداقلا ئىسراپ قىلىشقا بولمايدىغان قىممەتلىك ۋاقىت، ھەربىر كۈن تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە پۇختا ئاساس سالىدۇ. بىز باھار بايرىمىدىن كېيىنكى «تۇنجى» خىزمەت كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىر كۈندە تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن گۈزەل ئارزۇلىرىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.
(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)