قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئىللىق دەملەر ھەر بىر تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ئىچىدە
16:55:31 2024-02-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ۋاڭ پېڭ

 مومام دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، مەن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا يوقلىغىلى باردىم، بىر كېسەلخانىدىكى ئالتە كارىۋات ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغاندەك كۆرۈنەتتى، سېستىرالار پات- پات كېلىپ دورا ئالماشتۇرۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەيتتى ... تېز سۈرئەتتە ھەر قايسى كېسەلخانىلار ئارىسىدا قاتىرايتتى، بىر كېسەلخانىدىكى ئالتە ئاغرىقنىڭ ھەممىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بار ئىدى، ئوخشىمايدىغان يېرى، بەزىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى، بەزىلىرىنىڭ ئېرى ياكى ئايالى خەۋەر ئالاتتى، ئەلۋەتتە پەرۋىشكار تەكلىپ قىلغانلارمۇ بار ئىدى. ياندىكى كېسەل كارىۋىتىدىكى بىر جۈپ ئەر- خوتۇن بولۇپ، ئېرى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن تاختىپەردىن چۈشۈپ كېتىپ، پۇتى سۇنۇپ كېتىپ ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەنىدى. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئەر- خوتۇن ئىككەيلەننىڭ سىرتتىن شاڭخەيگە ئىشلىگىلى كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى، بىرى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ تازىلىق ئىشچىسى ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي قاتلىمىدىكى ئەمگەكچىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئايالنىڭ كىيىنىشىدىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ غورىگىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئايال لۆڭگىنى ئېلىپ ئېرىنىڭ پېشانىسىنى سۈرتتى، كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق، چىرايىدىن كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئىچ ئاغرىتىش چىقىپ تۇراتتى، ئۇ ئېرىگە يارىسىنى ياخشى داۋالىتىش كېرەكلىكىنى، ئۆيدىكى ئىشلاردىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى، قارىماققا ئاددىي  بىلىنىدىغان سۆزلەر كىشىگە «مۇھەببەت» دېگەن سۆزنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدۇراتتى.

 مومام دوختۇرخانىنىڭ تاماقلىرىغا كۆنەلمىگەچكە، چوڭ ھاممام ئۆيدە تاماق ئېتىپ ئەكىلىپ بەردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى تېرىغان پەسىللىك كۆكتاتلار بولۇپ، جۈسەي قورۇمىسى بار ئىدى، يەنە ئوچاقتا دۈملەپ تۇزلاپ پىشۇرغان بىر نەچچە تۇخۇم ئالغاچ كەلگەنىدى. مومامنىڭ ئىشتىھاسى ئىزچىل ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، بۇ قېتىممۇ پەقەت بىر چىشلەملا يەپ قويدى، چوڭ ھاممام يېرىم كۈن ئىشلەپ تۇزلاپ تەييارلىغان تۇخۇمدىن بىرنىمۇ يېمىدى، ئەكسىچە چوڭ ھاممامغا بۇ تۇخۇملارنى ياتاقداشلىرىغا بۆلۈپ بېرىشنى تاپىلىدى، ياتاقداشلار بەس- بەستە رەھمەت ئېيتتى. مومام بېقىنىدىكى ئەر- خوتۇنلارغا بوۋام بىلەن ماددىي ئەشيا كەمچىل يىللاردا تارتقان جاپالىرىنى سۆزلەپ بەردى ھەمدە ئۇلارغا كۈنلىرىنىڭ چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، كىچىك كېسەل، كىچىك ئاپەتلەرنىڭ دائىم بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 دوختۇرخانىدا ياتقاندىن كېيىن، مومامنىڭ ئىشتىھاسى ئىزچىل ياخشى بولمىدى، ئۇ دائىم تاتلىق قىياملىق تاۋا كاكچىسى يېگۈسى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مۇنداقلا دەپ قويدى دەپ، مەنمۇ ئېرەنشىمەپتىمەن، كېيىن مەن يەنە بىر قېتىم دوختۇرخانىغا يوقلاپ بارغىنىمدا، مومامنىڭ كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپتا بىر تەخسە تاۋا كاكچىسى كۆپىيىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، مېنڭ تېڭىرقاپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، مومام ياندىكى كارىۋاتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاشۇ ئاچاشنىڭ مومامغا ئەكىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى، مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ ھېلىقى ئاچاشقا قارىدىم، كۆڭلۈمدە چوقۇم ئۇ بىزنىڭ پارىڭىمىزنى ئاڭلىدى، دەپ ئويلىدىم، بۇ دەقىقىدە كۆڭلۈم ئىللىپ قالدى، راستىنى ئېيتسام، بۇنداق ئىللىق دەمنى ھېس قىلمىغىلى ئۇزاق بوپتىكەن، مەن دەرھال رەھمەت ئېيتتىم. ئىلگىرى مەن مومامنىڭ ياخشى نەرسىلەرنى يېيىشكە كۆزى قىيمايدىغانلىقىنى، ياخشى نەرسە بولسا باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىشىنى چۈشىنىپ كېتەلمەيتتىم، لېكىن بۇ قېتىم مەن ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

 جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نىشانى ماددىي بايلىقنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆپىيىشى ۋە ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. «ئېگىز بىنالار دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قەد كۆتۈرگەن پەيتتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى بىناسىمۇ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈشى كېرەك». مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ئالغا بېسىشى، تەرەققىي قىلىشىدىن ئايرىلغاندا، ھەقىقىي سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمايدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بىز ھەر بىرىمىز بىر يەككە گەۋدە، تۇرمۇشىڭىزدىكى ئىللىق ئىشلار سەۋەبىدىن بەختنى ھېس قىلىسىز، شۇنداقلا بۇ دۇنيادىكى ئىللىقلىقنى ھېس قىلىپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىسىز، ئىللىق ئىشلارنى قىلىسىز، ئاقكۆڭۈل ئادەم بولىسىز، دۇنيا سىز بولغاچقىلا تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولىدۇ، بىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شاڭخەي فېڭشيەن رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125