شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق چوڭ رايونلىرىنىڭ بىرى. باقمىچىلىق دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازارنىڭ گۆش، سۈت قاتارلىق چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر باقمىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈش، ئەسلىھەلەشتۈرۈش، ئىلمىيلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈردى. مۇشۇنداق شارائىتتا، بىر قىسىم دېھقان- چارۋىچى بېقىش ئۇسۇلى بىر قەدەر ئەنئەنىۋى بولۇش، ئىلمىي بېقىش- باشقۇرۇش سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، باقمىچىلىقتىن كۆڭۈلدىكىدەك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالماي، گاڭگىراپ قالدى.
چارۋا ماللارنى ئىلمىي بېقىش ساۋاتلىرىنى، يەم- خەشەكنى ئىلمىي تەڭشەش ساۋاتلىرىنى، چارۋا ماللاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى داۋالاش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كەڭ دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ چارۋا مال بېقىش- باشقۇرۇش جەھەتتىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە، شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ گۇرۇھىمىز شىنجاڭ خەزرا بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە «ئانار ساۋاتلىرى. باقمىچىلىق تېخنىكىسى» پىروگراممىسىنى يولغا قويدى. پىروگراممىمىزغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چارۋا مال دوختۇرلۇقى، باقمىچىلىق ساھەسىدە بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار تەكلىپ قىلىنىپ، كەڭ دېھقان- چارۋىچىلارغا ئىلمىي، سىستېمىلىق بولغان بېقىش- باشقۇرۇش ساۋاتلىرى سۆزلەپ بېرىلىدۇ.
پىروگرامما مەزمۇنلىرى ھەر ھەپتىدە مۇقىم سۈرئەتتە يېڭىلىنىدۇ. دېھقان- چارۋىچى دوستلارنىڭ پىروگراممىمىزغا دىققەت قىلىپ، تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلگەن دەرسلىرىدىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)