ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە ئاپتوموبىلنى قانچە ئۇزاق قىزىتسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
17:03:13 2024-02-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئۇنداق ئەمەس.

«ئاپتوموبىلنى قىزىتقاندا» ئاپتول، سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقىدىكى ماي ماشىنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى بىلەن تولۇق ئۇچرىشىپ، ياخشى سىلىقلاش ھالىتىگە يېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇپراش ئازىيىدۇ. «ئاپتوموبىلنى قىزىتقاندا» يەنە ئاپتوموبىلنىڭ ھەرقايسى سىستېمىلىرى ئەڭ ياخشى خىزمەت تېمپېراتۇرىسىغا يېتىپ، ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈش ئىقتىدارى ۋە چىقىرىش ئىقتىدارى ياخشىلىنىدۇ.

لېكىن ھازىر تېخنىكا تەرەققىي قىلغانلىقتىن، ئاپتوموبىل لايىھەلىگەندە مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئويلىشىلدى، نۇرغۇن ئاپتوموبىلغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاپتوموبىلنى نورمال قوزغىتىپ، سىلىق ھەيدىسىلا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ھالىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، شۇڭا ئاپتوموبىلنى ئالايىتەن ئۇزاق ۋاقىت «قىزىتىش» ھاجەتسىز.

ھازىرقى توكلۇق، ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلۈك ئاپتوموبىللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ باتارېيەسىنى ئالدىن قىزدۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىسسىقلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى سەپلەنگەن بولغاچقا، شوپۇرلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئاپتوموبىلنى قىزىتىشى» ھاجەتسىز. ئوخشاش بولمىغان ئاپتوموبىل تىپلىرىدا ئازراق پەرق بولۇشى مۇمكىن، كەڭ ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاپتوموبىلىنىڭ چۈشەندۈرۈش كىتابچىسىدىكى «ئاپتوموبىل قىزىتىش» تەكلىپىنى ئۆلچەم قىلسا بولىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125