6- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
11:00:45 2024-02-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنجاڭدىن 23 كىشى تىزىملىككە كىردى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يىن لۇ) يېقىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 6- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، جەمئىي 958 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن 23 كىشى تىزىملىككە كىردى.

بۇ 23 نەپەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، ئەنئەنىۋى مۇزىكا، ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل، خەلق ئۆرپ- ئادىتى، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى ۋە سېركچىلىك، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك، ئەنئەنىۋى گۈزەل سەنئەت قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، «ماناس»نى 43 يىل ئېيتىپ كەلگەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى جاننۇر تۇرغانباي، «جاڭغىر»غا 45 يىل ۋارىسلىق قىلغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى ماندلەي، ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 60 يىل بولغان موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئۇزۇن كۈي خەلق ناخشىسىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى نورزەي، شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى(تۇرپان مۇقامى)نىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى ھۈسەن مەخمۇت، رۇس مىللىتىنىڭ تەپمە ئۇسسۇلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى ئاننا، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى (قۇم بىلەن داۋالاش) ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى ئوسمان ياسىن، تاجىك مىللىتى كىيىم- كېچەك ۋە زىبۇ- زىننەتلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى گۈلنىسا ئىسلام قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جاننۇر تۇرغانباي مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىپ، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۈچ چوڭ تارىخىي داستانى خور نومۇرى «مەڭگۈلۈك داستان»دىكى «ماناس»نىڭ ئېيتىشىش قىسمىنى ئورۇنلىدى. ئۇ ۋارىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇستازى، تۇنجى تۈركۈمدىكى ماناس دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى جۈسۈپ ماماينىڭ ياشلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك، دېگەن سۆزىنى ئىزچىل ئېسىدە ساقلاپ كەلدى، شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ياش بىر ئەۋلاد ۋارىسلارنى يېتىشتۈرۈشكە سەرپ قىلىپ، 50تىن ئارتۇق شاگىرت يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

ماندلەي كۆپ يىللاردىن بۇيان خەلق ئارىسىدا تارقالغان «جاڭغىر»نى خاتىرىلەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، 100دىن ئارتۇق خەلق ئىچى سەنئەتكارىنى زىيارەت قىلىپ، «جاڭغىر»نى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئېيتىپ، 20 نەچچە بۆلەكنى ئېيتالايدىغان بولدى. 2011- يىلى ئۇ «خېجىڭ ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكى − جاڭغىر»نى رەتلەپ تۈزۈپ، «جاڭغىر» تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلىدى.

نورزەي موڭغۇل مىللىتىنىڭ 30دىن ئارتۇق ئۇزۇن كۈي خەلق ناخشىسى ھەم 40 مەدھىيە قوشىقى ئېيتالايدۇ، ئۇ خەلق ناخشىلىرىنى توپلاش، رەتلەش خىزمىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى، ھەم ئۇزۇن كۈي خەلق ناخشىسى ئېيتالايدىغان خەلق ئىچى سەنئەتكارلىرىنى تەشكىللەپ، ھۆكۈمەت مەخسۇس تەسىس قىلغان ئوقۇتۇش نۇقتىسىدا ئۇزۇن كۈي خەلق ناخشىلىرىنى ئۆگەتتى.

ئوسمان ياسىن تېببىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان، تۇرپاننىڭ قۇم بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى پائال تەتقىق قىلدى ۋە كېڭەيتتى، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ماس قەدەمدە ئېلىپ باردى. ئۇ ئىلگىرى دۆلەت دەرىجىلىك ھەم ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك ئون نەچچە پەن تەتقىقات تۈرىگە قاتنىشىپ، 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان، قۇم بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىغا ئالاقىدار كىتابلارنى تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە قۇم بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەن بىر تۈركۈم شاگىرتلارنى يېتىشتۈرگەن.

تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 23 نەپەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى ياش بىر ئەۋلاد ۋارىسلارنى قېزىش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئىزچىل ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن يېزا، كەنت، چارۋىچىلىق رايونلىرى، مەكتەپ، تەربىيەلەش كۇرسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى قاتارلىق سورۇنلاردا ماھارەت ئۆگىتىپ، تەجرىبە ئۆگىتىپ، جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشقا كۈچ قوشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125