ئائىلە − پەرزەنتنىڭ تۇنجى مەكتىپى. ئائىلە تەربىيەسى پەرزەنتلەر ھاياتىدا تۇنجى بولۇپ دۇچ كېلىدىغان تەربىيە. شۇنداق بولۇپلا قالماي، كېيىن پەرزەنتلەر مەكتەپكە كىرگەن، جەمئىيەتكە چىققان مەزگىللەردىمۇ، ئائىلە تەربىيەسى داۋاملىق ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ.
ھازىرقى تۇرمۇش رىتىمى تېزلىشىپ كەتكەن جەمئىيەتتە، ئاتا- ئانىلار ئاساسەن خىزمەت، ئىش- ئوقەت بىلەن ئالدىراش ئۆتىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر، پەرزەنتلىرىگە تەسىر قىلىۋاتقان ئىدىيەۋى جەھەتتىكى كاشىلىلار، پەرزەنتلىرىنىڭ مىجەز- خاراكتېرىدە ئىپادىلىنىۋاتقان غەيرىي ئۆزگىرىشلەرنى بەزى ئاتا- ئانىلار توغرا ھەل قىلىپ، توغرا تۈزىتىپ، توغرا يېتەكلەپ ماڭالىسىمۇ، يەنە بەزى ئاتا- ئانىلار ئۈنۈملۈك چارە تاپالماي، ئىلاجىسىز قالماقتا.
ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىمىز دۆلەتلىك 3- دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى نىجات ئابلىمىتنى ئائىلە تەربىيەسىنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. نىجات ئابلىمىت 2010- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدا پىسخولوگىيە كەسپىنى ئۆگەنگەن، 2012- يىلى دۆلەتلىك 3- دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئالغان.
نىجات ئابلىمىتنىڭ لېكسىيەلىرى قىسقا سىن شەكلىدە ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىمىزدا ئۇلاپ ئېلان قىلىنىدۇ، شۇنداقلا، «ئائىلە تەربىيەسى . پىسخىكا» نامىدىكى مەخسۇس سەھىپىمىزگە جەملىنىدۇ. ئائىلە تەربىيەسىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئاتا- ئانىلارغا بۇ لېكسىيەلەرنىڭ ۋە مەخسۇس سەھىپىمىزنىڭ ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
تۆۋەندىكى سىن نىجات ئابلىمىتنىڭ لېكسىيەلىرىنىڭ «مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئائىلە ئەزالىرىدىن بولايلى» دېگەن تېمىدىكى تۇنجى پارچىسى.
تورداشلار ئائىلە تەربىيەسىدە ئۇچرىغان مەسىلىلىرىگە جاۋاب ئىزدىمەكچى بولسا، ئانار بۇلۇت مۇھەررىرىمىزنىڭ ۋېيشىنىنى قوشۇۋېلىپ، مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلسا بولىدۇ. مۇھەررىرىمىز ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەر توغرىسىدا نىجات ئابلىمىتنى چۈشەندۈرۈش بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ۋېيشىن نومۇرى: alami1019
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)