زېڭ خۇيلىڭ
باھار بايرىمى مەزگىلىدە يەنە ئىنىم بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن يىغىلىش قىلدۇق. تاماق ئۈستىلىدە، ئىنىم بىزگە ئۆتكەن بىر يىلدا نەنجىڭ شەھەرلىك گۇڭئەن كادىر- ساقچىلىرى بويىچە 2- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئىنىمنىڭ مۇكاپات ئالغان سۈرىتىگە قارىدىم، مەيدىسىدىكى ئوردېن كۆزنى قاماشتۇراتتى، مەن ئىختىيارسىز قېيىنئانامنى، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئەسلەپ قالدىم.
1999- يىلى، ئانامنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتتى، بىز ئاچا- سىڭىللار ئۇنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالغان بولساقمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئامالسىز قالدۇق. يازلىق تەتىل باشلىنىشى بىلەنلا، مەن ئانامنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ ۋاقتى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدىمۇ، مېنىڭ ئوقۇشۇم رەسمىي باشلانماي تۇرۇپلا، ئاچامنى ئۆزىنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىشكە ئالدىراتتى.
ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئانام قايتا ئورنىدىن تۇرۇپ باقمىدى. مەن مەكتەپتە سىنىپ مۇدىرى بولغاچقا، پەقەت ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولالايتتىم. مېنىڭ ئانامنىڭ بىزنى بالدۇرلا تاشلاپ كېتىدىغانلىقىنى كۆپ ئويلاشقا زادىلا رايىم بارمايتتى.
بىر كۈنى كەچتە، قېيىنئانام بىر ئائىلە يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى: ئەگەر ئانام كېتىپ قالسا، 12 ياشلىق ئىنىم نەگە بېرىپ نەدە تۇرىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە مەن ئىزچىل بۇ مەسىلىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ تۇراتتىم، بۇ نەتىجىگە يۈزلىنىشتىن قورقاتتىم. دادام خېلى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۆينىڭ ھەممە ئىشلىرى، ئۆي- ئوچاقلىق بولمىغان ئاچا- ئىنى بەشەيلەن يالغۇز ئانامغا قالغان ئىدى.
«مەن شياۋبىن (ئېرىم)غا دېدىم، ئىنىڭىزنى ئېلىپ كېلىپ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغۇزۇڭ!» قېيىنئانام سەۋەبلەرنى كۆرسەتتى: «چوڭ ئاچىڭىزنىڭ ئۆيى يەنچېڭدا، ئارىلىق بەك يىراق، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بولالمايدۇ؛ ئىككىنچى ئاچىڭىزنىڭ چوڭلىرى، كىچىكلىرى بار، ئۇ يېتىشەلمەيدۇ؛ سىڭلىڭىز ئەمدىلا توي قىلدى، يېزا- بازاردا ئىشلەيدۇ، بىر ھەپتىدە ئاران بىر قېتىم ئۆيگە قايتالايدۇ، ئۇنىڭ قېيىنئاتا- قېيىنئانىسى ئىنىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالامدۇ؟ ئىنىڭىز سىز ئىشلەۋاتقان مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، مەكتەپكە بېرىشقا بەش مىنۇتلا كېتىدۇ، تۇرمۇش، ئۆگىنىشىدىن سىلەر خەۋەر ئالالايسىلەر، ئىككىڭلار ئۈستۈڭلارغا ئالساڭلار ئەڭ مۇۋاپىق! مەن مۇشۇنداق بېكىتتىم، ئىنىڭىز مۇشۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرسۇن!»
قېيىنئانامنىڭ سۆزلىرى مېنىڭ كۆڭلۈمنى جايىغا چۈشۈرۈپ قويدى، تۇيۇقسىز كۆزۈمدىن ياش تاراملىدى. كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان ئانام ئىنىمدىن بەك ئەنسىرەيتتى، ئۇنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىدىن ئەنسىرەيتتى. مەن قېيىنئانامنىڭ قارارىنى ئۇنىڭغا ئېيتقىنىمدا، ئۇنىڭ چىرايى ئېچىلىپ كەتتى. ئون نەچچە كۈندىن كېيىن، ئانام خاتىرجەم كېتىپ قالدى.
كېيىن، قېيىنئانامنىڭ ھۇجرىسىدا بىر يالغۇز كىشىلىك كارىۋات، بىر ئۆگىنىش ئۈستىلى كۆپەيدى. ئىنىم بىزنىڭ ئۆيگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، قېيىنئاناممۇ كۆڭۈل بۆلدى: ئۇنىڭ ئۇيقۇسى يېنىك بولغاچقا، دائىم كارىۋاتقا يانتۇ يۆلىنىپ ياتاتتى، ئىنىمنى ئەتىگەندە ئويغىتاتتى، كەچتە ئۆگىنىشنى ئازراق قىلىپ، بالدۇرراق ئۇخلاشقا دەۋەت قىلاتتى؛ ئىنىم جۇۋاۋىغا ئامراق ئىدى، ئۇ كۆپرەك تۈگۈپ، ئايرىم ئۇسۇپ ئېلىپ قويۇپ، ئۆيگە كېچىكىپ كېلىدىغان ئىنىمغا قالدۇرۇپ قوياتتى؛ دائىم ئېرىم ئىككىمىزگە ئىنىمغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشنى، ئىنىمنىڭ كېيىن ياراملىق ئادەم بولىدىغانلىقىنى تاپىلايتتى...
2002- يىلى كەچ كۈزدە، سۆيۈملۈك قېيىنئانام، كېسەل چىرمىۋالغان، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىغا بىر يىل بولغان قېيىنئانام، ئىشچان، ئاق كۆڭۈل قېيىنئانام چەكسىز قىيالماسلىق ئىچىدە بىزدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ مېيىتى ئالدىدا، مەن قاتتىق يىغلاپ كەتتىم − ئۇ تېخى نەۋرە قىزىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى كۆرمىدى، ئىنىمنىڭ ياراملىق ئادەم بولغانلىقىنى كۆرمىدى، ئاچا- ئىنى ئىككەيلەن تېخى ئۇنىڭ شەپقىتىنى قايتۇرالمىدۇق... شۇنچە كۆپ قىيالماسلىق ۋە مىننەتدارلىقنىڭ ھەممىسى شارقىراپ ياغقان يامغۇردەك كۆز ياشقا ئايلاندى.
كۆپ يىللاردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، مەن يەنە بۇ ئۇنتۇلغۇسىز قېيىنئانا- كېلىن مۇھەببىتىنى ئەسلەپ قالدىم، قېيىنئانامغا بولغان قايغۇلۇق ھېسسىياتىمنى قەلىمىمنىڭ ئۇچى ئارقىلىق تۆكۈپ، سېغىنىشىمنى ئەسلىمە قىلىپ يازدىم، ئۇنىڭ مېنىڭ بايانىمنى، سېغىنىشىمنى ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلدىم، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئۆتمۈش مېنىڭ روھىي دۇنيايىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئەسلىمە بولۇپ، مېنىڭ ھاياتىمنى ئىللىتتى.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى بىنخەي ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ يۆخې يولى مەكتەپ رايونى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)