شى جىنپىڭ كونگو(بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن جۇڭگو- كونگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
20:52:32 2024-02-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ كونگو(بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن جۇڭگو- كونگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كونگو(بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كونگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت باشتىن- ئاخىر سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە بىر- بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلارغا، ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلارغا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى كۆپىيىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي بەخت- سائادەت ئېلىپ كەلدى، بۇ، جۇڭگو- ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق روھىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. مەن جۇڭگو- كونگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ساسسۇ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو- كونگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايمەن.

 ساسسۇ مۇنداق بىلدۈردى: كونگو بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى باشتىن- ئاخىر ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈپ، تىنچلىق، ئادىللىق ۋە گۈللىنىشكە بولغان ئورتاق ئىنتىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كونگو- جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش ئاساسىدا كەڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن كونگو- جۇڭگو دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125