شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى
19:16:46 2024-02-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش كېرەك

لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 2- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركىزىي كومىتېت مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭىلىنىشىنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئەشيا ئوبوروتى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ «تومۇرى»، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالنى، ئىچكى سودا بىلەن تاشقى سودىنى تۇتاشتۇرۇشتا، جەزمەن پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركىزىي كومىتېت مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى يازما دوكلات بەردى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇش سېلىنما ۋە ئىستېمالنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ، ھازىرغىمۇ، ئۇزاق كەلگۈسىگىمۇ پايدىلىق. سىياسەت بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ نىسبىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ كىرگۈزۈپ، كېرەكسىز، كونا بايلىقتىن تەكرار پايدىلىنىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك. بازارنى ئاساس قىلىش، ھۆكۈمەت يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش، ئىلغارلارغا ئىلھام بېرىش، قالاقلىرىنى شاللاشتا چىڭ تۇرۇش، ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەش، تەرتىپلىك يۈكسەلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى، مۇلازىمەت ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىپ، تەكرار پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، «يېڭىغا ئالماشتۇرۇش + يىغىۋېلىش» ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى ۋە يېڭى ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا، مەركەز مالىيەسى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن زەنجىردىكى ھەرقايسى ھالقىلارغا بىرتۇتاش پىلانلاپ مەدەت بېرىپ، ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى ياسىمىچىلىق نىسبىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، ئاساسلىق يولى قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىرانسپورت تەننەرخى، ئامباردا ساقلاش تەننەرخى، باشقۇرۇش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش. تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش»، «تاشيولدا توشۇشنى سۇ يولىدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش»نى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسپورت سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان ئەشيا ئوبوروتى بازىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاساسىي غول لىنىيە چوڭ يولىنى ئەلالاشتۇرۇپ، توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، زامانىۋى سودا ئوبوروت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇپا ئىقتىسادى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، شوپۇرسىز ھەيدەش قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئەشيا ئوبوروتى يېڭى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادى، پورت ئەتراپى ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

 مەركىزىي كومىتېت مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125