قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| «ھېچقىسى يوق، مەن بار»
11:47:55 2024-02-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دەي شياۋلېي

 دېرىزە سىرتى بارغانسېرى قاراڭغۇلىشىۋاتاتتى، مەن كۆز ئالدىمدىكى كومپيۇتېر ئېكرانىغا تىكىلىپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇراتتىم، ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدىكى ۋاقىت ئۈن- تىنسىز كەچ سائەت سەككىزگە يۆتكەلدى. يىل ئاخىرى يېقىنلىشىپ قالدى، ئىشلار كۆپەيگىلى تۇردى، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشمۇ ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى. خىياللىرىم قاناتلىنىپ كېتىۋاتقاندا، يان تېلېفونۇمنىڭ قوڭغۇرىقى تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى، مەن تېلېفوننى ئالدىم، قارشى تەرەپتىن يولدىشىمنىڭ تونۇش سالىمى ئاڭلاندى: «قاچان قايتىپ كېلەلەيسىز؟» «سىز ئارام ئېلىۋېرىڭ، مەن تېخى بىكار بولالمىدىم، مېنى ساقلىماڭ». «ھېچقىسى يوق، مەن بار! مەن يىراقتىن سىزگە ھەمراھ بولىمەن، ئالدىرىماڭ، خىزمەتنى ئاستا- ئاستا ياخشى ئىشلەڭ، ئىشتىن چۈشكەندە مەن سىزنى ئالغىلى باراي». يولدىشىمنىڭ سۆزلىرى خۇددى سېھرىي كۈچى باردەك مېنىڭ تىتىلداپ تۇرغان قەلبىمگە تەسەللى بەردى، بۇ دەقىقىدە مەن ئىللىقلىق ۋە خاتىرجەملىك ھېس قىلدىم.

  ئۇزۇن كېچىدە، بىر ئادەم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسە ھەمىشە غېرىبسىنىدۇ، لېكىن ئەگەر يەنە بىر ئادەم ھەمراھ بولسا، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش بىر مەيدان ئىللىق تۇرمۇش مۇراسىمىغا ئايلىنىدۇ. ھەر قانچە ئالدىراش بولساممۇ، ئۆيدە ھامان بىر چىراغ مېنى ساقلاپ تۇرىدۇ.

  بىر قېتىم ئانامنىڭ كونا كېسىلى − رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى قوزغىلىپ قېلىپ، تىز بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىپ، دوختۇر ئوپېراتسىيە قىلىش تەكلىپىنى بەردى. مەن ئىش ئۈستىدە ئانامنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپلا، دەرھال رۇخسەت سوراپ دوختۇرخانىغا باردىم، دوختۇرخانىغا كېتىۋېتىپ يولدىشىم بىلەن ئالاقىلەشتىم. بىز تەڭلا دېگۈدەك ئانامنىڭ كېسەلخانىسىغا يېتىپ بېرىپ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرىدىغان ئىشنى بىرلىكتە مەسلىھەتلەشتۇق. بۇ چاغدا مېنىڭ ئىچىم تىتىلداپ، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم. يولدىشىم مېنىڭ خاتىرجەمسىزلىنىۋاتقانلىقىمنى ۋە تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، قولى بىلەن مۈرەمگە يېنىك ئۇرۇپ قويۇپ: «ھېچقىسى يوق، مەن بار! مەن كەچتە سىز بىلەن نۆۋەتلىشىپ ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن، ئاپامنىڭ سىز بىرلا قىزى بار، سىز قەيسەر بولۇڭ، ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاپامنىڭ كېسىلى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ»، دېدى. يولدىشىمنىڭ تەسەللىسى ئىللىق باھار شامىلىغا ئوخشاش قەتئىي ھەم كۈچلۈك ئىدى. كېيىن ئوپېراتسىيەخانىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، دوختۇر ئوپېراتسىيەنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغان شۇ دەقىقىدە، كۆڭلۈم ئاندىن ئورنىغا چۈشۈپ، يېنىك تىندىم. 

 دوختۇرخانىدا ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان مەزگىلدە، يولدىشىم ماڭا ھەمراھ بولدى، ئۇ ماڭا ئىشەنچ بېغىشلىدى، ماڭا ئىلھام بەردى، خۇددى قاراڭغۇ كېچىدىكى ماياكقا ئوخشاش، ئالدىمنى يورۇتۇپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى، ئەنسىزلىكتە قالغان مېنى  قورقمايدىغان قىلدى. 

 ھەمراھ بولۇش ناھايىتى ئىللىق، ئۇ بۇ دۇنيادا بەزىلەرنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى، يەنى ۋاقتىنى سىزگە بېرىشنى خالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەمراھ بولۇپ بىللە ماڭغان يىللار، ھاياتتىكى ئاشۇ ئىللىق مىنۇتلارنى ئىنچىكە سانىغىنىمدا، ھەر بىر دەقىقىدە «ھېچقىسى يوق، مەن بار» دېگەن ئاشۇ سۆز ياڭرىدى. 

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى جيەنخۇ ناھىيەلىك تەجرىبە يەسلىسى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125