ئاليۇمىن چەينەك، ئاليۇمىن قازاندا تاماق ئەتسە بىخەتەرمۇ؟
22:02:37 2024-02-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

[ئاچقۇچلۇق سۆز]

ئاليۇمىن قازان- قومۇچ  يېمەكلىك بىخەتەرلىكى

ئاليۇمىن چەينەك ياكى ئاليۇمىن قازاندا تاماق ئېتىش ئادەم بەدىنىگە بىۋاسىتە بىخەتەرلىك تەھدىتى سالمايدۇ، لېكىن زىيادە ئىشلىتىش ۋە ئاسراش مۇۋاپىق بولماسلىق يوشۇرۇن ساغلاملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئاليۇمىن بىر خىل خىمىيەلىك تۇراقلىقلىقى ئىنتايىن يۇقىرى مېتال، لېكىن بەزى يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، ئاچچىقسۇ، لىمون شەربىتى قاتارلىق كىسلاتالىق ماددىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئېرىيدۇ. ئەگەر ئاليۇمىن قازاندا بۇ يېمەكلىكلەرنى قىزدۇرساق، بىر قەدەر يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاليۇمىننىڭ ئېرىپ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ، ئادەم بەدىنى ئۇنى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىۋالىدۇ ھەم ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئاليۇمىن بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇچراشقاندا نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، ئاشقازان- ئۈچەي كېسەللىكلىرى، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاليۇمىن يەنە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قۇسۇش، باش ئاغرىش، چارچاش، مۇسكۇللار تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 [مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزى]

ئاليۇمىن چەينەك ياكى ئاليۇمىن قازاندا تاماق ئەتكەندە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك:

1. ئاليۇمىن چەينەك ياكى ئاليۇمىن قازاندا كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى ئىسسىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك

كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر (مەسىلەن، پەمىدۇر، لىمون قاتارلىقلار) ئاليۇمىن ماتېرىياللىرىنى ئېرىتىپ ھەم يېمەكلىككە سىڭىپ، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇشقا توغرا كەلسە، داتلاشماس پولات ياكى ساپال قاچا ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

2. ئاليۇمىن قازاندا كۆپ قېتىم تاماق ئەتمەسلىك كېرەك

گەرچە ئاليۇمىندىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ باھاسى ئەرزان ھەم تازىلاش ئاسان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ئىشلەتكەندە ئاليۇمىن ماتېرىياللىرى تەدرىجىي ئېرىپ يېمەكلىككە كىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئامال بار باشقا ماتېرىياللاردىن ياسالغان قازان- قومۇچ، مەسىلەن، داتلاشماس پولات ياكى چويۇن ماتېرىياللاردىن ياسالغان قازان تاللاش كېرەك.

3. ئاليۇمىندىن ياسالغان قازان ئىشلەتكەندە ئۇچلۇق ياكى مېتال ئاشخانا جابدۇقلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك

ئۇچلۇق ياكى مېتال ئاشخانا جابدۇقلىرى ئاليۇمىندىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ يۈزىنى زەخىملەندۈرۈپ، ئاليۇمىن ماتېرىياللىرىنىڭ ئېرىشىنى تېزلىتىۋېتىشى ھەم يېمەكلىكنى بۇلغىشى مۇمكىن. ياغاچ ياكى سولياۋ ئاشخانا جابدۇقلىرىنى ئىشلىتىش تېخىمۇ بىخەتەر.

ئومۇمەن، ئامال بار ئاليۇمىندىن ياسالغان قازاندا تاماق ئېتىشنى ئازايتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

[ساغلاملىق ماي قاچىلاش پونكىتى]

گەرچە ئاليۇمىن بۇيۇملار ئادەتتە باشقا مېتال(مەسىلەن، داتلاشماس پولات)لارغا قارىغاندا تېخىمۇ يېنىك، باھاسىمۇ ئەرزان بولسىمۇ، لېكىن، ئەگەر ئاليۇمىن چەينەك ياكى ئاليۇمىن قازاننىڭ يۈزى ئۇپراپ كەتكەن ياكى جىجىلىپ كەتكەن بولسا، تاماق ئەتكەندە ياكى يېمەكلىكلەرنى ساقلىغاندا ئاليۇمىن قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئاليۇمىن بۇيۇملارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ ھالىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش ھەم بۇزۇلغانلىرىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125