يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بولايلى
21:53:58 2024-02-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بولايلى

شىن جىشىڭ

 بەش دەرىجىلىك شۇجى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېنىق تەلىپى، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمى. ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

 يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى كەسىپچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك خىزمەت بولۇپ، كەسىپلەشكەن قابىلىيەتنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بولۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك. ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئالدى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت- ئوبلاست- شەھەر، ناھىيە- شەھەر- رايون، يېزا- بازار- كەنتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق ئىگىلىشى كېرەك. شۇ جاينىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئەۋزەللىكىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشنى ھەقىقىي ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. بۇ، ئاددىي ھالدىكى پېشانىگە ئۇرۇپلا قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، بۇنىڭدا ھەقىقىي ۋاقىت سەرپ قىلىشقا، ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىشقا، كىتابتىن ئۆگىنىشكە، ئەمەلىيەتتىن ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

 يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى بىر چوڭ بىلىم. قانداق قىلغاندا دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا بىكار تۇرغان ئۈنۈمسىز مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى- تەرۇز قىلىدىغان ‹‹مىكرو چىرىكلىك››نى تۈگەتكىلى بولىدۇ؟ قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا كاللا سەگەك بولمىسا، تونۇش جايىدا بولمىسا، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى تۇتقىلى بولمايدۇ.

 يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، جەزمەن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، زور زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ تۇتۇشى، بولۇپمۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى ‹‹بىرىنچى سەپتىكى باش قوماندان››لىقنى ياخشى قىلىشى كېرەك، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن شۇجى ياخشى شۇجى ئەمەس، يېزا خىزمىتىنى ياخشى تۇتالمىغان شۇجى لاياقەتلىك شۇجى ئەمەس.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125