ئىنسۇلىن ئىشلىتىشتىكى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئېچىپ بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش- داۋالىنىشتىكى خاتا قاراشلاردىن قۇتۇلايلى
11:41:00 2024-02-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ھەر كۈنى ئىنسۇلىن ئۇرۇۋاتقان تۇرسام، نېمىشقا قان شېكىرى يەنە شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ؟

70 ياشلىق ۋاڭ بوۋاينىڭ 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، دوختۇرخانا سىرتىدا ئۇزاق مۇددەت ئىنسۇلىن بىلەن داۋالانغان، يېقىنقى كۈنلەردە جىددىي خاراكتېرلىك مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان، دوختۇرخانىغا يېتىپ تەكشۈرتكەندە شېكەرلەشكەن قان قىزىل ئاقسىلى %12.7كە يېتىپ، دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئېغىر سوزۇلما ئەگەشمە كېسەللىكلىرى كۆرۈلگەن. ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى خەينەن دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى تەپسىلىي سوراپ دىياگنوز قويغاندىن كېيىن، ۋاڭ بوۋاينىڭ ئىنسۇلىن بىلەن داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە نۇرغۇن خاتالىقنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقىدى.

دىيابېت كېسىلىنى دورا بىلەن داۋالاش دىيابېت كېسىلىنىڭ بەش جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا، ئىنسۇلىن بىلەن داۋالاش دىيابېت كېسىلىنى دورا بىلەن داۋالاشتا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى خەينەن دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالىنىشتىكى خاتالىقلاردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، پەن- تېخنىكا گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا دائىم كۆرۈلىدىغان ئىنسۇلىن ئىشلىتىشتە دائىم كۆرۈلىدىغان بىرقانچە ھەقىقىي ئەھۋالىنى «ئېچىپ بەردى». 

ئىنسۇلىننى مۇۋاپىق ساقلاش

ئىنسۇلىننىڭ تۇراقلىقلىقى تېمپېراتۇرا، يورۇقلۇق ئەھۋالى ۋە تەۋرىنىش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تېمپېراتۇرا ℃25تىن يۇقىرى بولسا، ئىنسۇلىننىڭ ئاكتىپلىقى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ؛ تېمپېراتۇرا ℃0تىن تۆۋەن بولسا، ئىنسۇلىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، تېخى پېچىتى ئېچىلمىغان ئىنسۇلىننى توڭلاتقۇنىڭ ℃2 ~ ℃8لۇق سوغۇق ساقلاش قەۋىتىدە ساقلاش، پېچىتى ئېچىلغاندىن كېيىنكى ئىنسۇلىننى سالقىن ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ساقلاش، قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشۈشىدىن ساقلىنىش، تەكرار سىلكىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا ئىنسۇلىننى ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا توڭلاپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

ھەر خىل ئىنسۇلىن ياسالمىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئاچقاندىن كېيىن ئىشلىتىش ۋاقىت ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، ئىنسۇلىننى ئاچقاندا ئىنسۇلىننىڭ ئېچىش ۋاقتى ۋە ئۈنۈمى ساقلىنىش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

ئىنسۇلىن ئۇرىدىغان ئورۇننى تاللاش

ئىنسۇلىننى قورساق قىسمى، يۇقىرى بىلەك، يوتا ۋە ساغرىغا ئۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كىندىك ئەتراپىدىن 2.5 سانتىمېتىر يىراقلىقتىكى ئىككى تەرەپ قورساق قىسمىغا ئۇرۇش، كىندىكنى چەمبەر مەركىزى قىلىپ، رادىيۇسى 1 سانتىمېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق رايون ئىچىگە ئۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ يۇقىرى بىلەككە يان تەرەپ ياكى ئارقا تەرەپ قىسمىنى تاللاپ ئۇرۇش كېرەك؛ يوتىغا تىزنىڭ ئەتراپىنى ئەمەس، ئۈستۈنكى سىرتقى تەرىپىنى تاللاپ ئۇرۇش كېرەك؛ ساغرا قىسمىغا ساغرىنىڭ ئۈستۈنكى سىرتقى تەرىپىنى تاللاپ ئۇرۇش كېرەك.

ئوكۇل ئۇرۇلىدىغان ئورۇننى تەڭ بۆلۈنگەن تۆت رايونغا بۆلۈشكە بولىدۇ (يوتا ياكى ساغرىنى تەڭ ئىككى رايونغا بۆلۈشكە بولىدۇ)، ھەر ھەپتىدە تەڭ بۆلۈنگەن بىر رايون ئىشلىتىلىدۇ ھەم باشتىن- ئاخىر سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇلىدۇ، تەڭ بۆلۈنگەن ھەر قانداق رايون ئىچىدە ئۇدا ئىككى قېتىم ئوكۇل ئۇرغاندا، ئاز دېگەندە بىر سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ (ياكى قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ بارمىقى كەڭلىكىدە) سىستېمىلىق نۆۋەت بىلەن ئۇرۇپ، توقۇلمىلارنىڭ تەكرار زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئوكۇل يىڭنىسىنى قانداق توغرا تاللاش كېرەك؟

ئادەتتە تۆت مىللىمېتىرلىق ئوكۇل يىڭنىسى ئەڭ بىخەتەر، ئوكۇل ئۇرغاندا پەيدا بولىدىغان ئاغرىق تېخىمۇ يېنىك بولىدۇ. بالىلار ۋە قۇرامىغا يەتكەن ئىنتايىن ئورۇق كىشىلەردىن باشقا، باشقىلارنىڭ تېرىسىنى چىمدىشىنىڭ ھاجىتى يوق، تېرىگە تىك سانجىسىلا بولىدۇ، بۇ چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ ئەڭ بىخەتەر ئوكۇل يىڭنىسى ھېسابلىنىدۇ.

سېمىز ئاغرىقلار، قولى تىترەش ياكى باشقا توسالغۇلار تۈپەيلىدىن 4 مىللىمېتىرلىق يىڭنىنى تۇتالمايدىغان ئاغرىقلار 6 مىللىمېتىر ياكى 8 مىللىمېتىرلىق ئۇكۇل يىڭنىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلى ۋە ئوكۇل ئۇرىدىغان ئورنىغا ئاساسەن تېرىسىنى توغرا چىمداپ ياكى 45 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ ئۇرۇش كېرەك.

ئىنسۇلىن ئوكۇل يىڭنىسىنى قانچىلىك ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇش كېرەك

نۇرغۇن ئاغرىق داۋالاش تەننەرخىنى ئازايتىش ياكى ئاۋارىچىلىقتىن قېچىش ئۈچۈن، ئوكۇل يىڭنىسىنى دائىم تەكرار ئىشلىتىدۇ، كۆپ ساندىكى ئاغرىق ئوكۇل يىڭنىسىنى ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە تەكرار ئىشلىتىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم ئاغرىقلار بىر ئوكۇل يىڭنىسىنى ئالتە قېتىمدىن ئارتۇق تەكرار ئىشلىتىدۇ. ئوكۇل يىڭنىسىنى تەكرار ئىشلىتىش ئاغرىققا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

ئوكۇل يىڭنىسىدىكى قالدۇق دورا ئوكۇل مىقدارىنىڭ توغرىلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ئوكۇل يىڭنىسى ئىچىدىكى قالدۇق ئىنسۇلىن كىرىستاللىشىپ، ئوكۇل يىڭنىسىنى توسۇۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوكۇل يىڭنىسىنى تەكرار ئىشلىتىش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، ماينىڭ ئۆسۈپ قېلىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

تەكرار ئىشلەتكەن ئۇكۇل يىڭنىسىنىڭ ئۇچى پاسسىپلىشىپ، كەسمە يۈزى زەخىملىنىپ، ئۇكۇل يىڭنىسىنىڭ يۈزىدىكى سىلىق قەۋىتى چۈشۈپ كېتىپ، ئاغرىق سېزىمى كۈچىيىپ، ئاغرىقنىڭ بېقىنىشچانلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر يېتىدۇ.

تەكرار ئىشلىتىلگەن ئوكۇل يىڭنىسىدا باكتېرىيە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ ھەم ئوكۇل ئۇرۇلغان ئورۇندا ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تېرە قىزىرىدۇ. شۇڭا، «دىيابېت كېسىلىنى داۋالاشتىكى دورا ئوكۇل قىلىش تېخنىكا كۆرسەتمىسى (2016- يىللىق نۇسخىسى)»دە ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئوكۇل يىڭنىسىنى بىر قېتىملا ئىشلىتىش، ئوكۇل ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئېلىۋېتىپ، يىڭنە قېپىغا سالغاندىن كېيىن تاشلىۋېتىش كېرەك.

ئىنسۇلىن مۇتلەق بىخەتەرمۇ، ئەكس تەسىرى يوقمۇ؟

نۇرغۇن دىيابېت ئاغرىقى ئىنسۇلىننىڭ جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىنى زەخىملەندۈرۈشتەك ناچار تەسىرى يوق دەپ قاراپ، دىيابېت كېسەللىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ھامان ئىنسۇلىن بىلەن داۋالاشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنداقتا، ئىنسۇلىننىڭ راستىنلا ئەكس تەسىرى يوقمۇ؟

ئىنسۇلىننىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ناچار تەسىرى قان شېكىرى تۆۋەنلەش بولۇپ، يېنىك بولغاندا يۈرەك سېلىش، تەرلەش، قول تىترەش، ئاچلىق تۇيغۇسى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا روھىي ھەرىكىتى بىنورماللىشىش، تارتىشىپ قېلىش، ھەتتا ھوشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلمىسا، ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىنسۇلىن ئىشلەتكەندە رېئاكسىيە قىلىش، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، ئوكۇل ئۇرۇلغان ئورۇن قىسمەن يۇقۇملىنىش، تېرە ئاستى مېيى بىنورمال بولۇش قاتارلىق ناچار تەسىرلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125