قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| قەلبىمدىكى ھەسەن- ھۈسەن
12:17:07 2024-02-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ۋاڭ شىنيۈ

 ئۇ بىر قىش كۈنى ئىدى، ئەمدىلا يامغۇر يېغىپ بولۇپ، ئاسمان خۇنۈك رەڭگە كىرىپ، سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق شامال چىقىۋاتاتتى. ئىمتىھاننى بېرىپ بولۇپ، ئۆزۈم يالغۇز خىلۋەت چىغىر يولدا كېتىۋاتاتتىم. ئىمتىھاننى ياخشى بېرىش ئۈچۈن مەن ھەر كۈنى تۈن بويى كىرپىك قاقمىدىم، لېكىن نەتىجەم ياخشىلانمىدى، تىرىشساممۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمەسمەنمۇ؟ مۇشۇنداق يوقىلاڭ خىياللارنى قىلىپ، بىلىپ- بىلمەيلا بىر مۇنچە يولنى مېڭىپ، جىمجىت چىغىر يولدىن قاينام- تاشقىنلىققا تولغان يولغا كەلدىم. يولدىكى كىشىلەرنىڭ توپ- توپى بىلەن ھەمراھ بولۇشۇپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىلگىرى دوستلىرىم بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ بازار ئايلىنىپ تاماق يېگەنلىكىمنى، يېقىندا ئۆگىنىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ ئۇلاردىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىمنى، مېنىڭ تۆلىگەن بەدىلىمنىڭمۇ جاۋابسىز قالغاندەك بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسلەپ قالدىم...

 يول يەنىلا قاينام- تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ، چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ تۇرغىنىمدا، «شار» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، بىر قارا رەڭلىك موتسىكلىت يېنىمدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى، چاچراپ چىققان پاسكىنا سۇ رەھىمسىزلىك بىلەن ماڭا چاچرىدى. ئېسىمنى تاپقىنىمدا، بەدىنىمنىڭ يېرىمى لاي بولۇپ بولغان ئىدى. مەن زادى نېمىنى خاتا قىلدىم؟ نېمىشقا بۇنداق نەس باسىدىغاندۇ؟ مەن ئۇۋالچىلىق ئىچىدە دوستلىرىم بىلەن دائىم بارىدىغان ئاشخانىغا كىرىپ قالدىم. مۇلازىمنىڭ قىزغىن سالىمى خىيالىمنى بۆلۈۋەتتى. مۇلازىمنىڭ يېقىملىق كۈلكىسىنى كۆرۈپ، كەيپىياتىم بىردىنلا خېلى ياخشىلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەن ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۇپ، كودنى سايىلەپ تاماق بۇيرۇتۇشقا باشلىدىم. مەن تاماق بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، قوشنا ئۈستەللەردە يا تۆت- بەش دوستنىڭ، يا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىزغىن ھالدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم، لېكىن مەن تىكەندەك يالغۇز ئىدىم، پاراڭلاشقۇدەك ئادەممۇ يوق ئىدى، كەيپىياتىم يەنە بۇزۇلدى.

 شۇنداق ئويلاۋېرىپ، يۆلەكسىزلىك ۋە مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى چىرمىۋالغان مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتىم... دەل شۇ چاغدا، بىرەيلەن مۈرەمگە يېنىك ئۇردى. مەن ئاۋۋال ھەيران قالدىم، ئارقىدىنلا ئالمان- تالمان كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم، كۆز ئالدىمدا ناھايىتى ئوماق بىر قىز تۇراتتى. ئۇ ئۈن- تىنسىز مېنى شاپىلاقلاپ قويدى، مېنىڭ ئاستا- ئاستا تىنچلىنىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، مىيىقىدا ئىللىق تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، ماڭا بىر پارچە قەغەز قولياغلىق ۋە بىر كىچىك باغاقچىنى بېرىپ كېتىپ قالدى.

 مەن ئۇ كىچىك باغاقچىنى ئالدىم، باغاقچىگە قىڭغىر- سىڭغىر قىلىپ مۇنداق بىر نەچچە قۇر خەت يېزىلغانىدى: «چىرايلىق ھەدە، سىزگە نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن سىزنىڭ بۇنچە ئازابلىنىپ يىغلىغىنىڭىزنى كۆرۈپ، مېنىڭمۇ ئىچىم ئاغرىدى، سىزنىڭ بالدۇرراق ئۆزىڭىزنى تەڭشەپ، كەيپىياتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، قانداقلا بولسۇن، يامغۇردىن كېيىن چوقۇم ھەسەن- ھۈسەن چىقىدۇ!» بۇ باغاقچىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇددى بىر خىل ئىللىق ئېقىم قەلبىمگە سىڭىپ كىرگەندەك بولۇپ، چىرايىمدا ئىختىيارسىز كۈلكە جىلۋىلەندى، يېقىنقى مەزگىلدىكى باش قېتىنچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقان ھەم كۆڭۈلسىز كەيپىيات، خۇددى شۇ دەقىقىدە ئېرىپ كەتكەندەك بولدى.

 گەرچە ئىككىمىز ئەزەلدىن تونۇشمىساقمۇ، لېكىن مېنىڭ كەيپىياتىم ئەڭ ناچار ۋاقىتتا، ئۇ ماڭا تەسەللىي بەردى ۋە ئىللىقلىق بېغىشلىدى. بۇ باغاقچە،ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئادەتتىكى كىچىك ئىش بولۇشى مۇمكىن؛ ماڭا نىسبەتەن، خۇددى ئۇزاقتىن بۇيان كۆرەلمىگەن، ئەمما تاسادىپىي كۆرۈپ قالغان ھەسەن- ھۈسەن ئىدى. ھەسەن- ھۈسەن گەرچە بىردەملىكلا جىلۋىلەنسىمۇ، لېكىن ماڭا ئىللىقلىق بېرەلەيدۇ. مەن بۇ دەقىقىدىكى ئىللىقلىقنى قەلبىمدە ساقلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەلبىمدىكى مەڭگۈلۈك ھەسەن- ھۈسەننى ئىزدەشنى خالايمەن. 

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى جيەنخۇ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتىپى ئالىي كەسپىي تېخنىكوم بۆلۈمى 19- ساياھەت باشقۇرۇش سىنىپى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125