سۈرەتلىك ھېكايە ▕«قويچى ئۇستام»نىڭ بەختلىك تۇرمۇشى
18:27:28 2024-02-28 تىيانشان تورى

2- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئايساباي جاقىپ تىمەن، سوغۇققا چىداملىق ئەتىيازلىق تۆللەرنى قۇچاقلاپ خۇشال بولۇپ كەتتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

 ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) «نەسلى ياخشىلانغان بۇ قىرغىز قويلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى 20 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئاشقان بولۇپ، يەرلىك قوي بېقىشقا سېلىشتۇرغاندا، پايدىسى %50 ئاشتى» دېدى ئاتۇش شەھىرى تۈگۈرمىتى يېزىسى مەيدان كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئايساباي جاقىپ قوتاندىكى قىرغىز قويلىرىنى كۆرسىتىپ خۇشال ھالدا.

2- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئايساباي جاقىپ تېخنىك بىلەن بىرلىكتە قوتاندا نەسلى ياخشىلانغان قىرغىز قويلىرىنى تەكشۈرمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

 2- ئاينىڭ 25- كۈنى، مۇخبىر ئاتۇش شەھىرى تۈگۈرمىتى يېزىسى مەيدان كەنتىگە كىرگىنىدە، يول بويىدىكى رەتلىك سېلىنغان دېھقانلار ھويلىسىدىن قويلارنىڭ مەرىگەن ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئۇ ئايساباي جاقىپنىڭ ھويلىسىدىكى قوتاننىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، بۇ قوتاندىكى چوڭ- كىچىك سېمىز قىرغىز قويلىرىنى كۆردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئايساباي بىر كەسپىي باقمىچىلىق تېخنىكى، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق «قويچى ئۇستام»غا ئايلانغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايتتى.

2- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئايساباي جاقىپ قوزىلارنى ئىسسىق قوتاندىن چىقارماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

 ئايساباي كەنت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە قىرغىز قويىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشقا قاتناشقان باقمىچى ئائىلىسى بولۇپ، ئۇ باققان قويلاردىن 85 تۆل ئالدى. «ئالدىنقى ئايدا مەن 30 پاخلان ساتتىم، بىر پاخلاننى 1050 يۈەنگە سېتىپ، 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم». ئايساباي سۆزلىگەچ يەم- خەشەك تەييارلاۋاتاتتى، بىر توپ قوزىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ، ئارىلاپ- ئارىلاپ مەرىشىپ قوياتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئايساباي باقمىچىلىقتىن قىلغان كىرىمى ئارقىلىق قوي ۋە يەم- خەشەك توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يۈك ئاپتوموبىلىدىن بىرنى سېتىۋالدى، يەنە ئەسلىدىكى 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيىنى 200 كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيتىپ سالدى، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يەنە ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان پىكاپتىن بىرنى ئېلىشنىمۇ پىلانلىدى.

2- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئايساباي جاقىپ كېڭەيتىپ سېلىنغان يېڭى ئۆينىڭ مېھمانخانىسىنى بېزىمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

 «ھازىر ئۆيۈمدە 120 قوي ۋە 20 كالا بار. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن يەنە باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كۆپچىلىككە ئىلمىي بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، بورداش مەزگىلىنى قىسقارتىپ، قوتاندىن چىقىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرىمەن»، دېدى ئايساباي تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125