2- ئاينىڭ 28- كۈنى، خۇاشەن دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى لىن جيې ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك ھەققىدە ساغلاملىق لېكسىيەسى سۆزلىمەكتە.
2- ئاينىڭ 28- كۈنى، فۇدەن داشۆسى قارىمىقىدىكى خۇاشەن دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتورىيە بىناسىدا «ھاياتلىق رەڭگىنى جۇلالاندۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشان ئۈستىدە ئىزدىنىش . ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىككە يېقىنلىشىش» پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھېس قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، پىدائىيلار ۋە ئاممىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. پائالىيەتتە ساغلاملىق لېكسىيەسى سۆزلەش، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر ھەققىدىكى بىلىملەر بويىچە تالىشىپ جاۋاب بېرىش، تەقلىدىي جەڭ ئېلان قىلىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساۋاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلدى. ھەر يىلى 2- ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى خەلقئارا ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك كۈنى. 2024- يىلى 2- ئاينىڭ 29- كۈنى 17- قېتىملىق خەلقئارا ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك كۈنى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ يىڭ فوتوسى
2- ئاينىڭ 28- كۈنى، قاتناشقۇچىلار رەڭ ئۆزگەرتىدىغان كۆزەينەك تاقاپ رەڭ بېرىپ، كۆرۈش تور پەردىسى پىگمېنتىنىڭ ئۆزگىرىشى (RP) كېسىلى بولغن ئاغرىقلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن تۇرمۇشىنى ھېس قىلدى.
2- ئاينىڭ 28- كۈنى، خۇاشەن دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملار قاتناشقۇچىلارنى ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى بىلىملەر بويىچە تالىشىپ جاۋاب بېرىشكە تەشكىللىدى.
2- ئاينىڭ 28- كۈنى، قاتناشقۇچىلار «كىچىك مۇز چېلەك رىقابىتى» تۈرى ئارقىلىق مۇسكۇل يىگلەپ يان خوردىسى قېتىشىش كېسىلى (ALS، ئادەتتە «تەدرىجىي توڭلاش كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ)نى چۈشەندى. قاتناشقۇچىلار قولىنى مۇز سۈيىگە بىر دەم سېلىپ تۇرغاندىن كېيىن، چوكا بىلەن خاسىڭ مېغىزىنى قىسىپ، تەدرىجىي توڭلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ قولىنىڭ ماغدۇرسىزلىنىشىنى ھېس قىلدى.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)