قارلىق ئۆتۈكىنى قارلىقتا كىيىشكە ماس كەلمەيدۇ
15:24:42 2024-03-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بۇ يىل قىشتا قار- مۇز ساياھىتى قىزىپ كەتتى. جابدۇقلار تىزىملىكىدە، نۇرغۇن تور چاپلىمىسىدا «قارلىق ئۆتۈكى»نىڭ سوغۇق ھاۋاغا ماس كېلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى. ئەمما قارلىق ئۆتۈكنى قار- يامغۇرلۇق كۈنلەردە كىيىشكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ساياھەت قىلغاندا كىيىشكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى نۇرغۇن كىشى بىلمەيدۇ.

 بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى شۇكى، نۇرغۇن قارلىق ئۆتۈكى قار- يامغۇردىن ساقلىيالمايدۇ. مۇخبىر كۆپ خىل قارلىق ئۆتۈكى ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، تېرە بىلەن يۇڭ بىرلەشتۈرۈلگەن، دەرىجىدىن تاشقىرى تالالىق رەخت قاتارلىق ماتېرىياللارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ سۇدىن ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بايقىدى. قار- يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتسىلا، ئۆتۈك ناھايىتى ئېغىرلىشىپ كېتىپ، ئىسسىق ساقلىمايلا قالماستىن، بەلكى «پۇتقا يۈك بولۇپ قالىدۇ». بىر قىسىم داڭلىق ماركىلىق قارلىق ئۆتۈكلىرىنىڭ «ئاسراش ئەسكەرتمىسى»دە، مەھسۇلاتنى يامغۇر سۈيىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراشتىن ساقلاش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.

قارلىق ئۆتۈكىنى قار- يامغۇرلۇق كۈنلەردە كىيىشكە ماس كەلمەسلىكىدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭ تېيىلىشتىن ساقلاش ئىقتىدارى چەكلىك. ئالاقىدار قارلىق ئۆتۈىكنىڭ چەمىگە قارايدىغان بولساق، ئېتىلىن/ئاتسېتات ئېستېرلىق كوپولىمېردىن ياسالغان نۇرغۇن چەمنىڭ گەرچە يېنىك، سۈركىلىشكە چىداملىق بولسىمۇ، لېكىن سىزىقچىلىرى تېيىز بولىدىغانلىقى، يەرنى تۇتۇپ تېيىلىشتىن ساقلىنىشقا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئەگەر قار- مۇزلۇق، تېيىلغاق قاتارلىق سۈركىلىش كوئېففىتسېنتى كىچىكرەك بولغان يەردە ماڭغاندا، بۇنداق ئۆتۈكنى كىيىش بىخەتەر بولمايدۇ.

ئۇنداقتا قايسى ئاياغلار قار- مۇز ساياھىتىگە ماس كېلىدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى مۇۋاپىق رەخت ۋە ئاياغ چەمى قۇرۇلمىسىغا ئىگە مەھسۇلاتلارنى تاللاش كېرەك.

كالا تېرىسى، قوي تېرىسى قاتارلىق تەبىئىي ماتېرىياللارنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە سۇ ئۆتكۈزمەسلىك خۇسۇسىيىتى چەكلىك، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، سۈنئىي خۇرۇم قاتارلىق بىرىكمە تالالار قار- يامغۇرلۇق كۈنلەردە كىيىشكە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. ئاياغنىڭ ماتېرىيالى ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىق ۋە سۇ ئۆتكۈزمەسلىك ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە بەلگىلىك ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە ئىسسىقلىق ساقلاشچانلىقى بولۇشى كېرەك.

ئاياغ چەمىنىڭ قۇرۇلمىسى جەھەتتە، بىرىنچىدىن، تېيىلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش، ئىككىنچىدىن، ئېگىلەلەيدىغان بولۇش، ھەم پۇتنى تىرەپ تۇرالايدىغان بولۇش، ھەم پۇتنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلىشالايدىغان بولۇش كېرەك. ئومۇمەن ئېيتقاندا، چوڭقۇر يوللۇق، يەرنى تۇتىدىغان مۇنەك قاتارلىقلار بىلەن لايىھەلەنگەن رېزىنكە چەملىك ئاياغ (ئادەتتە «كالا پېيى چەمى» دەپ ئاتىلىدۇ) سەپەرگە چىققاندا كىيىشكە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125