ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولۇش ئەتىيازلىق دېھقانچىلىق ۋاقتىنى قولدىن بەرمەسلىك
21:19:55 2024-03-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يىلنىڭ بېشى باھاردىن باشلىنىدۇ. ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئالدىراش مەنزىرىلىك يۆگىمە رەسىملەر شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئاستا- ئاستا نامايان بولدى. دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆكتات مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلىش، خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋېلىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىشنى قانات يايدۇردى... يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلىتىش كۇنۇپكىسى بېسىلدى.

2- ئاينىڭ 22- كۈنى، تېرىقچىلىق ئائىلىسى بىڭتۇەن 10- شىسى بېيتۈن شەھىرى 183- تۇەن لۇڭجياڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدا موگۇ يىغماقتا. لى جېڭخۇ فوتوسى

2- ئاينىڭ 22- كۈنى بىڭتۇەن 10- شىسى بېيتۈن شەھىرى 183- تۇەن لۇڭجياڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدا تېرىقچىلىق ئائىلىسى كۆكتات مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا. لى جېڭخۇ فوتوسى

2- ئاينىڭ 27- كۈنى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى كۇچا شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ ياقا بازىرى سۆگەتلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا كۆكتات مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا. ۋۇ لې فوتوسى

2- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئىشچىلار قۇتۇبى ناھىيەسى شياڭشېڭ شوخلا تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆكتات پارنىكىدا مايسا پەتنۇسلىرىنى توشۇماقتا. تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

2- ئاينىڭ 27- كۈنى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىنىڭ كۆكتات تېرىقچىلىقى بازىسىدا كۆكتات مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىكىشتىن بۇرۇنقى پەرۋىش خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە. يەن شوۋلىن فوتوسى

2- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاقسۇ خۇاجىن خىمىيەۋى ئوغۇت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاقسۇ خۇاجىن خىمىيەۋى ئوغۇت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش كونترول ئىشخانىسىدا ئىشلەپچىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەۋى ئوغۇت بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

2- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئىشچىلار ئاقسۇ خۇاجىن خىمىيەۋى ئوغۇت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا جىددىي ئورىيا ئىشلەپچىقارماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

2- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئىشچى ئوراپ قاچىلانغان خىمىيەۋى ئوغۇتنى تۆمۈر يول يۈك ۋاگونىغا باسماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

2- ئاينىڭ 28- كۈنى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرى كۇچا شەھىرى ئالاقاغا بازىرى تېتىرچى كەنتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلماقتا. زېڭ چىڭخۇڭ فوتوسى

2- ئاينىڭ 27- كۈنى، بىڭتۇەن 2- شىسى 22- تۇەنىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ ئېتىزدا يەر تۈزلەش مەشغۇلاتى قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شيې جياڭلىن فوتوسى 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125