تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى يۇقىرى يۈكسەكلىكتە، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى بېجىرىش كېرەك
09:28:57 2024-03-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىن شىجيەن

 «قەغەز يۈزى»دىكى تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش- قىلالماسلىق ئىككى يىغىن نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى.

2- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 2024- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى بېكىتىپ، تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى يۇقىرى يۈكسەكلىكتە، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى بېجىرىش»نى تەكىتلىدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ۋە تەۋسىيە، تەكلىپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى يۇقىرى يۈكسەكلىكتە، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى بېجىرىپ، ھەقىقىي تۈردە ۋەكىللەر، ئەزالارنى رازى قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئىككى يىغىن نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، كۆپنىڭ كۈچىنى توپلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

«خەلقنىڭ غېمى جەزمەن بىزنىڭ غېمىمىز؛ خەلقنىڭ ئارزۇسى بىزنىڭ جەزمەن قىلىدىغان ئىشىمىز.» تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى ۋەكىللەر، ئەزالار كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇ- ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە، ۋەكىللەرنىڭ 494 پارچە تەۋسىيەسى، ئەزالارنىڭ 497 پارچە تەكلىپى ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلدى، بۇ تەۋسىيە، تەكلىپلەر ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئادا قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان ئىشىنىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۈمىدىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، بۇ تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى يۇقىرى يۈكسەكلىكتە، يۇقىرى سۈپەتتە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىنى ئەڭ ياخشى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، خەلقنىڭ ساداسى ۋە خەلق رايىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ھۆرمەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يول.

ئۆيدىن يامغۇر ئۆتۈپ كەتكىنىنى ئۆيدىكىلەر بىلىدۇ، سىياسىيدا سەۋەنلىك كۆرۈلگىنىنى خەلق بىلىدۇ. ھازىر، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتكە توغرا كەلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ياخشى تەدبىر ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەرگە جىددىي ئېھتىياجلىق، مەسىلەن، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك قاتارلىقلار؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىمۇ بەزى كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش بىلەن يەنىلا خېلى پەرق بار. قىيىن مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش، كەمتۈكلۈكلەرنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، جەزمەن كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش، ياخشى تەدبىرلەرنى كەڭ دائىرىدە پىلانلاش كېرەك. ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل- پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تەۋسىيە، تەكلىپلەر ئىشىك ئالدىغا كەلگەن «ياخشى سادا» «ياخشى چارە» بولۇپ، ئۇنى خىزمەتلەرنى ياخشىلاش، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ «ئالتۇن ئاچقۇچى»غا ئايلاندۇرۇش شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر، ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا.

تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى يۇقىرى يۈكسەكلىكتە، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى بېجىرىشتە، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ بېجىرىشنى تۇتۇش كېرەك. تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى ياخشى بېجىرىش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەتنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم خىزمەت. ھەرقايسى جايلار، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلار مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»غا قويۇپ، تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى ياخشى بېجىرىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بېجىرىش نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ بېجىرىشنى تۇتۇپ، تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى بېجىرىش بىلەن «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاساسىي قاتلام خەلق رايىغا قۇلاق سېلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىشنى تۇتۇپ، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق بېجىرىش، ئوخشاش تۈردىكى مەسىلىلەرنى مەركەزلىك بېجىرىش، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ئالدىن بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ بېجىرىشنى تۇتۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى، بېجىرىلىش نىسبىتى، رازى بولۇش دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، بېجىرىش خىزمىتىنىڭ ۋاقتىدا بېجىرىلىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك بېجىرىلىشكە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بېجىرىش نەتىجىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاپ، ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە كەڭ ئاممىنى ھەقىقىي رازى قىلىش كېرەك.

تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى يۇقىرى يۈكسەكلىكتە، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى بېجىرىشتە، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش − كاپالەت. يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلغاندا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى باش بولۇپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان نۇقتىلىق تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇۋېلىپ، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلار ئاساسلىق رەھبەر باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، مەسئۇل رەھبەر ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، كەسپىي تارماقلار كونكرېت بېجىرىدىغان قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، بىرلىشىپ تەتقىق قىلىش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بېجىرىش جەريانىدا بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇش كېرەك. ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، «ئالاقە تورى+ تەكشۈرۈش» سۇپىسى قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى بېجىرىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ھەربىر تەۋسىيە، تەكلىپنى يۇقىرى يۈكسەكلىكتە، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى بېجىرگەن، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، مۇقەررەر ھالدا ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى بىر تۈركۈم ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەڭ زور دەرىجىدە كىشىلەر قەلبىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ مۇجەسسەملىگىلى، كۈچ توپلىغىلى بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125