قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېسە زادى سەمرىپ كېتەمدۇ ياكى ئورۇقلاپ كېتەمدۇ؟ قاتتىق پوستلۇق مېۋە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالتە پىتنە- ئىغۋانى چۈشەندۈرۈش (1)
12:38:30 2024-03-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

قاتتىق پوستلۇق مېۋە ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ يېيىلىدۇ، ھەم ساغلام، ھەم يېيىشلىك، مۇھىمى، يېگەندە بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى (2022)»دە، ھەر ھەپتىدە 50 گىرامدىن 70 گىرامغىچە قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېيىش، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 7 گىرامدىن 10 گىرامغىچە قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېيىش تەۋسىيە قىلىنغان. مۇشۇنىمۇ يەنە نۇرغۇن ئادەم يېتەرلىك مىقداردا يېمەيدۇ. قاتتىق پوستلۇق مېۋە ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەنىكەن، ئۇ توغرىسىدىكى پىتنە- ئىغۋالارمۇ تەبىئىيلا ئاز بولمايدۇ، بىز ئەمدى قاتتىق پوستلۇق مېۋە توغرىسىدىكى پىتنە- ئىغۋالارغا رەددىيە بېرىمىز.

بىرىنچى پىتنە- ئىغۋا: ئورۇقلاشتا قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېيىشكە بولمامدۇ؟

يېسە بولىدۇ، لېكىن مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك، ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 گىرام يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېيىشلىك بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشى يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، سەۋەبى سەمرىپ كېتىشتىن قورقىدۇ. بولۇپمۇ ئورۇقلاۋاتقان دوستلار يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئەسلا يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، قاتتىق پوستلۇق مېۋىنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە سەمرىپ كەتمەيدۇ، يەنە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ.

«ئامېرىكا كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق ژۇرنىلى»دا ئىلگىرى قاتتىق پوستلۇق مېۋىنى ئۇزاق مۇددەت قوبۇل قىلىش بىلەن سېمىزلىك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا بىر پارچە تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق كالورىيەنى چەكلەيدىغان يېمەكلىكلەرگە قاتتىق پوستلۇق مېۋىنى قوشۇش بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى ھەم بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يېنىكلىشى تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقى، ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر(بولۇپمۇ ياڭاق)نى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش دىيابېت خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇڭا، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى قەرەللىك (تەخمىنەن كۈندە بىر قېتىم) ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، سېمىزلىك ۋە 2 تىپلىق دىيابېتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ساغلام يېمەكلىكلەرنىڭ بىر قىسمى قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قاتتىق پوستلۇق مېۋىنى مۇۋاپىق قوبۇل قىلغاندا سەمرىپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

گەرچە تەتقىقاتتا قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېيىشكە بولىدۇ، دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن «بولۇشىغا يېيىشكە» بولمايدۇ، چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن ئەمەس. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى (2022)»دە قاتتىق پوستلۇق مېۋىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ھەر ھەپتىدە 50 گىرامدىن 70 گىرامغىچە بولسا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە تەخمىنەن 10 گىرام بولسا بولىدۇ، دەپ تەۋسىيە قىلىنغان، بۇ قانچىلىك بولىدۇ؟

بۇ 7 - 8 تال مۇقاتىل، 7 - 8 تال ئۆرۈك مېغىزى، 7 - 8 غىچە پىستە، 2 دانە بىگېن مېۋىسى، بىر يېرىم سىقىم شاكاللىق گازىر، بىر دانە قەغەز ياڭاققا باراۋەر.

ئەگەر مەلۇم بىر كۈنى قاتتىق پوستلۇق مېۋىنى كۆپرەك يەپ قويغان بولسا، تاماققا ئىشلىتىلىدىغان ياغ مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازايتسا بولىدۇ.

قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى تاللاشتا ئىمكانقەدەر ئەسلىي تەملىك قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى تاللاش، سۈت تەملىك، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ دۈملەپ پىشۇرۇلغان قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى ئاز تاللاش كېرەك.

ئىككىنچى پىتنە- ئىغۋا: قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېسە قان نوكچىسىنى ئېرىتەلەمدۇ؟

قاتتىق پوستلۇق مېۋىنى دائىم يەپ بەرگەندە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، لېكىن قان نوكچىسىنى ئېرىتكىلى بولمايدۇ.

قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول، شۇنداقلا ئاقسىل، كالىي، كالتسىي، سىنك، ۋىتامىن B ، E تۈردىكى ۋىتامىنلار قاتارلىق ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلايدۇ، ھەر ھەپتىدە مۇۋاپىق مىقداردا قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى يەپ بېرىش سالامەتلىككە پايدىلىق.

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا قاتتىق پوستلۇق مېۋە ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرنى ئەزەلدىن قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېمەيدىغان كىشىلەر توپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن. قاندىكى ئومۇمىي خولېستېرىن، ناچار خولېستېرىن، ترى گلىتسېرىدنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

لېكىن، نۆۋەتتە قاتتىق پوستلۇق مېۋە يەپ بەرسە قان نوكچىسىنى ئېرىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېيىش ئارقىلىق كېسەلنى داۋالاشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. قان نوكچىسىنى داۋالاش ۋە تازىلاش ئۈچۈن، يەنىلا دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپ ماسلىشىش كېرەك.

(داۋامى بار)

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى


(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125