قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ساز ئاۋازىدىكى ئانا مېھرى
15:25:07 2024-03-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ۋاڭ زىيى

 ئەتە مۇزىكا دەرسى ئۆتۈلىدۇ، سۇس چىراغ يورۇقىدا، مەن قايتا- قايتا گۇجېڭ چېلىپ، بىر تەرەپتىن چالغاچ، بىر تەرەپتىن ئەتىدىكى دەرس ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. «تارس» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، قولۇمغا بىر ئاغرىق كىرىپ كەتتى. بېشىمنى سېلىپ قارىسام، تار ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ، قولۇمدا بىر قىزىل سىزىق پەيدا بولۇپ قاپتۇ، يەنە ئازراق ئىششىپ قاپتۇ.

 ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئانام ئالدىراپ كىرىپ كەلدى ۋە مەندىن سورىدى: «نېمە بولدى؟ ئاغرىدىمۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن ئېھتىيات قىلىڭ!» مەن پەرۋاسىز قىياپەتكە كىرىۋېلىپ: «ھېچنېمە بولمىدى، زاپاس تار يوق ئىدى، بۈگۈن مەشىق قىلالمايدىغان بولدۇم» دېدىم. ئاپام دەرھال: «سىز مۇزىكىنى ئانچە پىششىق مەشىق قىلمىدىڭىز، مەشىق قىلغانىكەن ياخشى قىلىش كېرەك، مەن ھازىرلا بېرىپ تار سېتىۋېلىپ كېلەي، ھازىر مەدەنىيەت بۇيۇملىرى دۇكىنى تېخى تاقالمىدى!» دېدى. مەن ئاپامدىن خاتىرجەم بولالماي، ئۆيدە يالغۇز قېلىشتىن قورقىمەن، دەپ تۇرۇۋالدىم، ئاپام ئامالسىز مېنى تار سېتىۋالغىلى ئېلىپ باردى.

 ئىشىكنى ئېچىشىمىزغا، بىر خىل سوغۇق ھاۋا ئۆيگە ئېتىلىپ كىردى، مەن ئەندىكىپ كەتتىم. شامال كۈچلۈك بولۇپ، ئەتراپىمىزدا چۆرگىلەيتتى، يامغۇرمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭلا يامغۇرلۇق كىيىمگە، يەر يۈزىگە، ئۆگزىگە شارىلداپ ئۇرۇلاتتى، مېنىڭ يۈرىكىمگىمۇ ئۇرۇلۇۋاتقاندەك ئىدى.

 ئاپام توكسىكلىت مىنىپ، مېنى ئۆزىنىڭ يامغۇرلۇق كىيىمىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ، ئۆزىنى چىڭ قۇچاقلاشقا بۇيرىدى. ئاپامنىڭ دۈمبىسىگە چاپلىشىپ ئولتۇرۇپ، كۆڭلۈم بىردىنلا ئىللىپ قالدى. يامغۇر توختىماي يېغىۋاتاتتى، يەنە پات- پات شامال بىلەن تەڭ يامغۇرلۇق كىيىمدىن ئۆتۈپ يۈزۈمگە ئۇرۇلاتتى، مەن ئاپامنىڭ ئارقىسىدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ، ئاپامنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدىم. «ئەي ئانا! چىقسا بوران، ياغسا يامغۇر، قۇشلار مۆكەر ئۇۋىسىغا؛ قەلبىمدە جۇدۇن كۆتىرىلسە گەر، پەقەت باغرىڭ دالدا ماڭا». بۇ دەل مېنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىم ئىدى. ئاپامنىڭ ئادەتتە ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن، ھالىمدىن خەۋەر ئالغان، مېنى رىغبەتلەندۈرگەن كۆرۈنۈشلىرى كاللامدا بىر- بىرلەپ ئەكس ئەتمەكتە ئىدى... قەلبىمدە ئىللىق ئېقىم كەينى- كەينىدىن مەۋج ئۇردى، يول بويى كۆڭلۈمدە ساناقسىز قېتىم: «ئاپا، سىزنى سۆيىمەن»، دېدىم.

 بىز تار سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق، گەرچە يامغۇرلۇق كىيىم كىيگەن بولساقمۇ، ئاپامنىڭ ئۈستىبېشى يەنىلا ھۆل بولۇپ كەتتى، ماڭلاي چاچلىرىمۇ ھۆل بولۇپ كەتكەن بولۇپ، پات- پات سۇ تامچىلاپ تۇراتتى. ئاپامنىڭ قارىغۇسىز ھالىتىنى كۆرۈپ، مەن ئۈن- تىنسىز ھۇجرامغا قايتىپ كىرىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن گۇجېڭ چېلىشنى باشلىدىم.

 تالادا يامغۇر يەنىلا يېغىۋاتاتتى، يامغۇرنىڭ تىرىسلاپ چۈشۈۋاتقان ئاۋازى مېنىڭ سازىمغا جور بولۇۋاتاتتى. ساز ئاۋازىدىكى ئانا مېھرى مېنى مەستخۇش قىلاتتى! مەن تولۇپ تاشقان بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈپ كەتتىم ...

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى بىنخەي ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125