تىرىشقانلارغا باھار بالدۇر كېلىدۇ، مېۋە-كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى ئالدىراشلىققا تولدى
18:20:32 2024-03-04 تىيانشان تورى

 يېقىندا، تازغۇن يېزىسى مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ پارنىكىدا، كەنت ئاھالىلىرى مېۋە-كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولماقتا. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئابلىكىم، لۇ ئەنجۈن)

 ھازىر، پارنىكتا مېۋە-كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلار دىققەتنى مېۋە-كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش-پەرۋىش قىلىش خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلىدى، قەدەمنى ياخشى ئالدى. 

تېخنىك خادىم كەنت ئاھالىلىرىگە ليەنخۇابەي مايسىسى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشەندۈرمەكتە.

 تېخنىك خادىملار كۆكتات مايسىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

 نۆۋەتتە، تازغۇن يېزىسى لازا، شوخلا، قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىق مېۋە-كۆكتات مايسىسىدىن  2 مىليون تاختا يېتىشتۈرگەن بولۇپ، 570تىن ئارتۇق ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. 


(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125