قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېسە زادى سەمرىپ كېتەمدۇ ياكى ئورۇقلاپ كېتەمدۇ؟ قاتتىق پوستلۇق مېۋە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالتە پىتنە- ئىغۋانى چۈشەندۈرۈش (2)
15:29:07 2024-03-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئۈچىنچى پىتنە- ئىغۋا: قاتتىق پوستلۇق مېۋە بىخلىنىپ قالسا يېيىشكە بولمامدۇ، زەھەرلىك بولۇپ قالامدۇ؟

 قاتتىق پوستلۇق مېۋى بىخلىنىپ قالسا زەھەرسىز بولۇپلا قالماي، يەنە ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

 ياڭيۇ بىخلىنىپ قالسا يېيىشكە بولمايدۇ، ئۆتكۈر زەھەرلىك، شۇڭا كىشىلەر بىخلىنىپ قالغان يېمەكلىكلەردىن ھەمىشە ئېھتىيات قىلىدۇ. يېمەك- ئىچمەكتىكى بۇ بىخەتەرلىك ئېڭى ماختاشقا ئەرزىيدۇ، لېكىن قاتتىق پوستلۇق مېۋە بىخلىنىپ قالسا ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، يېيىشكە بولىدۇ، نۇرغۇن قاتتىق پوستلۇق مېۋە بىخلانغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشىدۇ.

 قاتتىق پوستلۇق مېۋىنىڭ تەركىبىدە فىتىك كىسلاتا ۋە تاننىن بار، بۇ ئىككى خىل تەركىب بەزى قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ قىرتاق تەمىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى. مەسىلەن، بادام، ئورمان ياڭىقى، پىستە، ياۋگو قاتارلىقلار تەركىبىدىكى فىتىك كىسلاتا مىقدارى ئايرىم- ئايرىم ھالدا: ھەر 100 گىرامدا 2.54 گىرام، ھەر 100 گىرامدا 1.29 گىرام، ھەر 100 گىرامدا 1.56 گىرام، ھەر 100 گىرامدا 0.19 گىرام، ھەر 100 گىرامدا 4.98 گىرام، ئادەتتە كىشىلەر دائىم دەيدىغان فىتىك كىسلاتا مىقدارى يۇقىرى بولغان سېرىق پۇرچاق تەركىبىدىمۇ ھەر 100 گىرامدا 2.22 گىرام بولىدۇ؛ ياڭاق تەركىبىدىكى تاننىننىڭ مىقدارى ھەر 100 گىرامدا 27.56 گىرام، باشقا كۆپ قىسىم قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردىن تەكشۈرۈپ چىقىلمىغان.

 قاتتىق پوستلۇق مېۋە بىخلانغاندىن كېيىن فىتىك كىسلاتا بىلەن تاننىننىڭ مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ ھەم قاتتىق پوستلۇق مېۋە تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسى، ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئاشىدۇ، كىراخمال مىقدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.

 تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياڭاق بىخلىنىش جەريانىدا ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى تەدرىجىي ئاشىدىكەن، ھالبۇكى كىراخمال تەدرىجىي ئازىيىدىكەن. ئامىنو كىسلاتاسى ھەر 100 گىرامدا 13.38 گىرامدىن ھەر 100 گىرامدا 16.43 گىرامغا  كۆپىيىدىكەن؛ ياغ كىسلاتاسى %53.39تىن %57.88كە كۆپىيىدىكەن. كىراخمال %10.38تىن %6.37كە ئازىيىدىكەن.

 خاسىڭ بىخلىنىش جەريانىدا سۇ تەركىبى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارىدا ئۆزگىرىش چوڭ بولمايدۇ، ئومۇمىي ئازوت مىقدارى ئاشىدۇ، ئەركىن ئىيونلۇق ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ئومۇمىي قەنت مىقدارى ئۆرلەشكە باشلايدۇ. چوڭ مولېكۇلالىق ماددىلار ئازايسا، ئادەم بەدىنى ئاسان قوبۇل قىلىپ پايدىلىنالايدىغان كىچىك مولېكۇلالىق ماددىلارنىڭ مىقدارى ئېشىپ، فۇنكسىيەلىك تەركىبلەرنىڭ مىقدارى سەل ئاشىدۇ.

 بىراق، بىز سېتىۋالغان قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاقلاپ پىششىقلانغاندىن كېيىن پىشقان قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر بولۇپ، داۋاملىق بىخلىنالمايدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىككە ئۆيدە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى بىخلاندۇرۇپ يېيىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. چۈنكى، بىخلىنىشقا كېرەكلىك مۇھىت بىر قەدەر نەم بولۇپ، تېمپېراتۇرا، نەملىككە بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ھالبۇكى بۇ مۇھىت باكتېرىيە، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ كۆپىيىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، قاتتىق پوستلۇق مېۋىنىڭ كۆكىرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇپ، ساغلاملىققا يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

 (داۋامى بار) 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125