قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېسە زادى سەمرىپ كېتەمدۇ ياكى ئورۇقلاپ كېتەمدۇ؟ قاتتىق پوستلۇق مېۋە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالتە پىتنە- ئىغۋانى چۈشەندۈرۈش (3)
12:10:25 2024-03-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تۆتىنچى پىتنە- ئىغۋا: شېكەر بىلەن قورۇلغان بەنلى راك پەيدا قىلامدۇ؟

رەسمىي شېكەر بىلەن قورۇلغان بەنلى راك پەيدا قىلمايدۇ.

شېكەر بىلەن قورۇلغان بەنلى كوچىلاردىكى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەكلىك، شۇنداقلا ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن ئۇششاق يېمەكلىك. قورۇلغان خاسىڭ، گازىر بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، بەنلى قورۇغاندا قازاندا بەنلى، مەيياتاڭ، ئۆسۈملۈك مېيىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن قارا رەڭلىك ئۇششاق تاشلار بولىدۇ، بەنلى قورۇغاندا تاشلارنىمۇ تەڭ ئىلەشتۈرۈش كېرەك، ئاساسلىقى ئۇششاق تاشلارنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشى تېز، تەكشى ئىسسىيدۇ، بەنلى تېخىمۇ تېز پىشىدۇ، تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

خەلق ئارىسىدا بەنلىنى شېكەر بىلەن قورۇغاندا قازانغا بىللە سالغان ئۇششاق تاشلاردا موم بار، بەنلىنى پارقىرىتىۋېتىدۇ، بۇ راك پەيدا قىلىدۇ، دېگەن گەپلەر تارقالغان.

ئەمەلىيەتتە، «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى ئىشلىتىش ئۆلچىمى» (GB2760 -2014)دىكى تەلەپكە ئاساسەن، يېمەكلىك دەرىجىلىك مومنى پەقەت پىششىقلاش ياردەمچى خۇرۇچى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئىشلەتكەندە زۆرۈر ھۈنەر- سەنئەت بولۇشى كېرەك. مومنىڭ رولى قېلىپتىن ئاجرىتىش خۇرۇچى بولۇپ، قەنت- گېزەك، قورۇلىدىغان يېمەكلىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ، بەنلى قورۇشتا بۇ خىل ھۈنەر- سەنئەتنى قوللىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا بەنلى قورۇش جەريانىدا قوشۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

شۇڭا، ئەگەر سىز مۇنتىزىم سودىگەرلەردىن شېكەر بىلەن قورۇلغان بەنلى سېتىۋالغان بولسىڭىز، موم مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، قارا نىيەتلىك قانۇنسىز سودىگەرلەرگە ئۇچراپ قالمىسىڭىزلا راك پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

شېكەر بىلەن قورۇلغان بەنلىنى تاللاپ سېتىۋالغاندىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، نورمال بەنلىنىڭ رەڭگى ئانچە پارقىراق بولمايدۇ، سىلىغاندا قولغا ئازراق چاپلىشىدۇ. ئەگەر بەنلىنىڭ رەڭگى پارقىراق، يۈزى سىلىق بولسا سېتىۋېلىشتا ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

بەشىنچى پىتنە- ئىغۋا: بەيگو يەپ دىيابېتنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟

نۆۋەتتە بەيگو يېسە دىيابېتنى داۋالىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق، يەنە زەھەرلىنىپ قېلىش مۇمكىن.

بەيگو يەنە كۈمۈش ئۆرۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇرۇقى ئىچىدە سېرىق رەڭلىك مېغىزى بار، تەمى تاتلىق بولۇپ، پىشۇرۇپ يېيىشكە ياكى قورۇپ يېيىشكە بولىدۇ، لېكىن خام يېسە ياكى بەك كۆپ يېسە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بۇنىڭ سەۋەبى، بەيگو تەركىبىدە كۈمۈش ئۆرۈك زەھىرى، ھىدروسىيانىك كىسلاتا، سەزگۈرلەشتۈرگۈچى ئاقسىل، كۈمۈش ئۆرۈك فېنول كىسلاتاسى قاتارلىق زەھەرلىك تەركىبلەر بار بولۇپ، خام يېسە ياكى بىر قېتىمدا بەك كۆپ يېسە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا نەپەس زەئىپلىشىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ، بالىلار بەش تالدىن ئون تالغىچە خام يېسە، بەيگودىن زەھەرلىنىپ قالىدۇ.

ئەگەر بەيگو يېيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى مېغىزىدىكى يېشىل تۆرەلمە بىخىنى ئېلىۋېتىپ، قىزىتىپ پىشۇرۇپ يەڭ، گەرچە بۇنداق بولغاندا زەھىرى تۆۋەنلىسىمۇ، لېكىن بەك كۆپ يېمەڭ.

بەيگو يېسە دىيابېتنى داۋالىغىلى بولىدۇ دېگەن قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق، قارىغۇلارچە سىناپ باقماي، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش كېرەك.

خۇلاسە

قاتتىق پوستلۇق مېۋە ئۇششاق يېمەكلىكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ يېيىلىدۇ، ھەم ساغلام ھەم يېيىشلىك. ھازىر توردىكى نۇرغۇن پىتنە- ئىغۋانىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق، شۇڭا بىز قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى ساغلام يېيىشىمىز، پىتنە- ئىغۋالارغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك.

(تۈگىدى)

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125