خىزمەتچى قوبۇل قىلىش كۆپىيىدىغان مەزگىلدە خىزمەت ئىزدەشتىكى تۇزاقلاردىن ئېھتىيات قىلىڭ
13:03:25 2024-03-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 باھار بايرىمى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلار خىزمەتچى قوبۇل قىلىش كۆپىيىش مەزگىلىگە كىردى. خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا، سىز بۇ «ئازگال»لارغا چۈشۈپ كېتىپ باققانمۇ؟ شاڭخەي شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى خىزمەت ئىزدەشتە دائىم ئۇچرايدىغان بىر قىسىم تۇزاقلارنى رەتلەپ، كەڭ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، ئېھتىياتچان بولۇشقا ئەسكەرتتى.

 سوئال: مەن بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا بىر ئېلان شىركىتىگە قوبۇل قىلىندىم، ئەينى چاغدا قۇرۇق ئەمگەك توختامى ئىمزالىغانىدىم، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىدىكىلەر بۇنداق بولغاندا ئەركىن بولۇش دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ دېگەنىدى. بۇ گەپ ئىشەنچلىكمۇ؟

 جاۋاب: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەگەر بىر پارچە قۇرۇق ئەمگەك توختامى بىلەن تەمىنلىسە، ئەمگەكچى يەڭگىللىك بىلەن ئىمزا قويماسلىقى كېرەك. ئىمزا قويغان ھامان، ئېنىقلا ھالدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئاغزاكى كېلىشىمنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش، ھالقىلىق ماددىلارنى تولدۇرۇش ئىمكانىيىتى بېرىپ قويىدۇ، ئەگەر كېيىن ئەمگەك ماجىراسى يۈز بەرسە، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش يوشۇرۇن خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەمگەكچىلەر ئەمگەك توختامى تۈزگەندە، بوش قالغان جايلارنى بايقىغان ھامان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋاقتىدا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

 سوئال: مەن يېقىندا بىر داڭلىق ماركىلىق زەنجىرسىمان دۇكاندا مال ساتقۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلىندىم. تىزىمغا ئالدۇرغاندا، شىركەت يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگەن ھەر بىر خىزمەتچىنى بىرلىككە كەلگەن ئاياغ، كىيىم- كېچەك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ئەمما 500 يۈەن رەنە پۇلى ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇشۇنداق قىلىشقا بولامدۇ؟

 جاۋاب: بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەندە، ھەر قانداق شەكىل بىلەن ئەمگەكچىدىن زاكالەت پۇلى، كاپالەت پۇلى (بۇيۇمى) ياكى رەنە پۇلى (بۇيۇمى) ئالسا بولمايدۇ. كىيىم- كېچەك ھەققى، تەربىيەلەش ھەققى، ماتېرىيال ھەققى قاتارلىقلار شىركەتنىڭ نورمال تىجارەت تەننەرخىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك، شىركەت مەھسۇلاتى، ئەمگەك قورالى، خىزمەت كىيىمى قاتارلىقلارنى ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلاردىن يەنە تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن بۇنى باھانە قىلىپ ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن رەنە پۇلى ئېلىشىغا بولمايدۇ.

 سوئال: مەن بىر ئويۇن شىركىتىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشىغا قاتناشتىم، تەربىيەلەش مەزگىلىدە ھەر ئايدا 800 يۈەن تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىپ بېرىلدى، باھالاش ئارقىلىق ئەمگەك توختامى ئىمزالىغاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي مائاش تارقىتىلدى. بۇ قانۇنلۇقمۇ؟

 جاۋاب: قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس. ئىككى تەرەپ ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئەمگەكچى نورمال ئەمگەك بىلەن تەمىنلىسىلا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە مائاش بېرىشى كېرەك، «تەربىيەلەش مەزگىلىدە مائاش بېرىلمەيدۇ» دەيدىغان گەپ يوق.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125